Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
نەغەزگۈل
يېزا ئىگىلىك,ئۇنىۋېرسال,ئۆسۈملۈك
萱草
xuān cǎoDئۆسۈملۈك
沙苑金针菜
shā yuàn jīn zhēn càiDئۆسۈملۈك
金针菜
jīn zhēn cài
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
萱草
xuān cǎo
بۇ پىياز ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، نەغەزگۈلگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك
بولۇپ، ئېگىزلىكى 70 ~ 100 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ تۈگۈنەك يىلتىزى كۆپ، شەكلى ئۇرچۇققا ئوخشايدۇ، غولى يالغۇز، سىلىق ۋە قاتتىق؛
يوپۇرمىقى كۆپىنچە توپلىشىپ ئۆسىدۇ، شەكلى يىپسىمان بولۇپ، دۇغسىمان ئېگىلىپ تۇرىدۇ؛ گۈل رېتى چەكلىك كۈنلۈكسىمان بولۇپ، ئۇچىدا
ئۆسىدۇ، گۈلى ئالتۇن سېرىق رەڭدە بولىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنى كۈز پەسلىدە كولىۋېلىپ، غولىنىڭ قالدۇقلىرىنى كېسىپ
ئېلىۋېتىپ، پاكىز يۇيۇپ ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.
قۇرۇق سوغۇق.
ئىسسىق قايتۇرۇش، ئىششىق ياندۇرۇش، قان توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 6 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
نەغەزگۈل يىلتىزىدىن 12 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ چاي ئورنىدا ئىچىپ بەرسە، سۈيدۈك يولى ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
نەغەزگۈل يىلتىزى ۋە قارىغاي يىلتىزدىن 12 گرامدىن ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، بوغۇم سىرقىراپ ئاغرىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ھۆل نەغەزگۈل يىلتىزى ۋە ھۆل پاقىيوپۇرمىقىدىن 70 گرامدىن ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سېرىقلىق چۈشمەيدىغان جىگەر
ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ھۆل نەغەزگۈل يىلتىزىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، ئېزىپ يەرلىك ئورۇنغا تېڭىپ بەرسە، سۈت بېزى ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ھۆل نەغەزگۈلنى دەملەپ ئىچىپ بەرسە، سېرىقلىق، سۆزنەك، بۇرۇن قاناش، قان قۇسۇش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.