Uyghurئاساسىي لۇغەت
نەفس
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
يېيىش - ئىچىشكە، مال - دۇنياغا، شەھۋانىيلىققا بولغان مەيل، قىزىقىش:
ۋاي ئول قارىغە، قۇرئان نە غەرەزدىن ياد ئېتەر،
ئۇشبۇ دۇنيادا بەش - ئون كۈن ۋەقتىنى ئاباد ئېتەر،
بولسە ھەر يەردە تەمەئ بىرلە سەمەن ئىجاد ئېتەر،
تون كىيىپ، ئۈستۈن باقىپ نەفسىنى دائىم شاد ئېتەر،
بۇ كەبىلەرغە خۇدا تەۋفىق ھەر زەمان.
ئابدۇقادىر داموللام.
2. كىشىنىڭ بۇ ۋەقت ئىككىدۇر ھالەتى،
ئېرۇر ئەقلى يا نەفسىنىڭ قۇۋۋەتى.
نەۋايى.