Uyghurئاساسىي لۇغەت
نەبى
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
پەيغەمبەر:
ئەدەدى نەچچە مىڭ بار ئەردى،
بارچەسى بۇ نەبىغە يار ئەردى.
زىيائى.
بىھەققى ئالى نەبى ھۇرمەتى سەھابە كىبار،
رەسۇلغە ئوخشە يەنە ساھىبۇل ئەلەم بولماس.
شەۋقى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
پەيغەمبەر، يالۋاچ، ئەۋلىيا، ئەلچى، ئالدىن بىلگۈچى؛ نەبىيوللا - خۇدانىڭ پەيغەمبىرى، تەڭرىنىڭ ئەلچىسى؛ نەبەۋى - پەيغەمبەرگە مەنسۇب؛ نەبۇۋەت - ئالدىن بىلەرلىك، دانىشمەنلىك.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
«پەيغەمبەر» گە قاراڭ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
دىن
خۇدانىڭ ئەلچىسى، پەيغەمبەر.
ئەرلەرنىڭ ئىسمى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
ئالدىن بىلگۈچى، پەيغەمبەر، خەۋەرچى
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
(ئەرەبچە)
پەيغەمبەر، ئاللانىڭ ئەلچىسى، ئىلاھىي خەۋەرلەر كەلتۈرگۈچى، بىشارەت بەرگۈچى. ئەسلىسى: نەبىئۇللا، ئابدۇنەبى. باشقا شەكىللىرى: نەبىجان، نەبىخان.