Uyghurئاساسىي لۇغەت
نىدا
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
چاقىرىق، خىتاب، ئاۋاز، ئۈندەش:
كۆرمەك ئىستەپ تاپتى كۆرمەسلىك نىداسىنى كەلىم،
مائەدەفناك ئېردى چۈنكىم سىررىغە مۇلھەم ئەمەس.
ئەرشى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
جىسىمنىڭ تەۋرىنىشىدىن چىققان دولقۇننىڭ ئاڭلاش سېزىمى ئارقىلىق پەيدا قىلغان تەسىرى.
تىنىقى يوقنىڭ ئۈنى يوق. تىل تاۋۇشلىرى - تىلنىڭ ئاۋاز قىسمى، ئۇ تىلنىڭ ماددىي پوستى ھېسابلىنىدۇ. ئەسكى چاقنىڭ ئاۋازى ھەممىدىن قاتتىق چىقىدۇ. خەلقنىڭ ساداسى - تەڭرىنىڭ ساداسى. بۇ گۈمبەز ئاستىدا ياڭرات خۇش سادا، نېمىنى دېسەڭ ئۇ قايتۇرار ساڭا. شۇ ئان تاغدىن <كىمسەن> دېگەن نىدا كەپتۇ. سەس چىققاندا سەل تىتىرىگەنىدى. قاتتىق قارىغاي سۇرىنى ھەربىر قارىغايدىن چىققان. بىر قوڭغۇراق كۆپەيسە، شاۋقۇن كۆپىيەر.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
چاقىرماق، ئۈندىمەك، تاۋۇش چىقارماق؛ ھەرف نىدا - ئۈندەش ھەرپلىرى؛ يا، ئەي! ھاي!
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
مەلۇم ھېس - تۇيغۇنى بىلدۈرىدىغان ئاۋاز، تاۋۇش.
نىدا قىلماق.
بىردەمنىڭ ئىچىدە خەلق توپى كۆپىيىپ، غەزەپلىك نىدالار ياڭراشقا باشلىدى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
ئاۋاز چىقارماق، توۋلىماق، تەلەپ قىلماق، چاقىرماق