Uyghurئاساسىي لۇغەت
نازۇك
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
نەپىس، نازۇك:
كۆرمەدىم بىردەم جەھاننىڭ راھەتىن،
تاكى ئول نازۇك ئەداغە ئۇچرادىم.
قەلەندەر.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
تۈزۈلۈشى ۋە ياسىلىشى جەھەتتىن چىدامسىز.
چىڭ، قاتتىق، بەك، پۇختا، پىششىق ، مەھكەم
تۈزۈلۈشى ياكى ياسىلىشى جەھەتتىن چىداشلىق.
باش تاشتىن چىڭ ئەمەس. يەپ تۇر، بەك تۇر. ئاغزى يۇمشاق گۆش يەپتۇ، ئاغزى قاتتىق مۇشت. قاتتىق چىش سۇنار، يۇمشاق تىل قالار. قاتتىق ياغاچنى يۇمشاق قۇرت يەر. قاتتىقتىن چىش ئاغرىسا، يۇمشاقتىن ئىچ ئاغرىيدۇ. موللام پۇلنى دوست تۇتماس، تۇتسا بوش تۇتماس. ئۈچ ئۆرۈمە ئارغامچا پىششىق بولار. قۇلۇپتىن ئاچقۇچ پۇختا. قوتىنىڭ مەھكەم بولسا، بۆرە كىرەلمەس. ئادەم تاشتىن قاتتىق، گۈلدىن نازۇك.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئىنچىكە؛ يۇپقا؛ مۇلايىم، يۇمشاق؛ گۈزەل.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تەبىئىتى چۇس، مىجەزى ئىتتىك.
زىل ئادەم زىلچىدىنمۇ ئاغرىنىدۇ. نازۇك قىز ناز قىلىدۇ. نازىدىن زىيان تارتىدۇ. ئائىلىدىكى بىر قانچە خاتا مۇناسىۋەتلەر ئۇنىڭ ئاغزىنىڭ ئىتتىكلىكىدىن، يەنە سىركىسى سۇ كۆتۈرمەيدىغان مىجەزىدىن بولۇپ تۇراتتى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
پارىسچە
ئىنچىكە، زىلۋا.
مەن بىر قولۇم بىلەن ئۇنىڭ نازۇك بارماقلىرىنى تۇتتۇم.
يۇقىرى ماھارەت ھەم كۆپ ئەجىر بىلەن ئىشلەنگەن، ئىشلىنىشى نەپىس، ئېسىل؛ مۇرەككەپ، چىگىش.
تراكتورنىڭ نازۇك بىر سايمىنى ئىشتىن چىقىپ، تراكتور ھەرىكەتتىن توختىغانىدى.
ئۆزىگە خاس قىيىن تەرەپلىرى بولغان، ئالاھىدە ماھارەت، بىلىم تەلەپ قىلىدىغان؛ ئورۇنلاش، بېجىرىش ئەڭ قىيىن بولغان.
ئۇ بۇ قېتىمقى نازۇك ئىلمىي تەجرىبىنى غەلبىلىك تاماملىدى.
سۆيۈملۈك، يېقىملىق، ئوماق، كىشىنىڭ مەسلىكىنى كەلتۈرىدىغان.
ئۇنىڭ نازۇك بەدىنى كۆز ئالدىمغا كەلدى.
كۆچمە. ئالاھىدە ئېتىبار تەلەپ قىلىدىغان؛ تۈرلۈك تەسىرلەرگە بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان، بىرەر تەسىرنى ئاسان قوبۇل قىلىدىغان، سۆز - ھەرىكەتكە قارىتا سەزگۈر، ئەمما گەپ كۆتۈرەلمەيدىغان.
بۇرۇنلا نازۇك مىجەز ئىدىڭ، قارىغىنا سازلىقلار ئۆزگەردى، سېنىڭ مىجەزىڭ بولسا تېخىچىلا كونا پېتى!
سىلىق، يېقىملىق، نازاكەتلىك، ئەۋرىشىم.
قىزمۇ قېرىلارغا نازۇك بىر ھەرىكەت بىلەن سالام بەردى.
كۆچمە. ئاجىز، بوش، زەئىپ، چىدامسىز.
ئادەم گۈلدىن نازۇك، تاشتىن قاتتىق (ماقال).
سىرلىق، كىشىنى ھەم سۆيۈندۈرىدىغان ھەم ئەنسىرىتىدىغان.
كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بارا - بارا مەندە ئۇنىڭغا قارىتا بىر خىل نازۇك تۇيغۇ ئويغىنىشقا باشلىغانىدى.
ئاياللارنىڭ ئىسمى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئەرەبچە
نازۇكخان
يېقىملىق، يۈزى تۆۋەن، نېپىز