Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
نائىياد
دائىرە: بىئولوگىيە稚虫
zhìchóng
تولۇقسىز ھالەت ئۆزگەرتىدىغان ھاشاراتلارنىڭ بالا تەنچىسىنىڭ بىر خىل تىپى. مورفولوگىيىسى، ياشاش ئادىتى ئۆزىنىڭ يېتىلگەن قۇرتىغا پەقەتل ئوخشىمايدۇ؛ يېتىلگەن قۇرتى قۇرۇقلۇقتا ياشاپ، كانىيى بىلەن نەپەسلىنىدۇ؛ نائىياد بولسا سۇدا ياشايدۇ ھەم كانايلىق ژابرا، توغرا ئۈچەي، ژابرا قاتارلىق ئالاھىدە ماسلىشىشچان ئورگانلىرى بولىدۇ. قورچاق دەۋرىدىن ئۆتمەيدۇ، بىر نەچچە قېتىم تۈلەشتىن ئۆتۈپ، تولۇق يېتىلىدۇ. ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىم تۈلىگە چاغدا بىۋاسىتە يېتىلگەن قۇرتقا ئايلىنىدۇ. مەسىلەن، يىڭناغۇچىلار ئەترىتى، ئېفېمېرىدا (لەيلەمچۈك) لار ئەترىتى ۋە پۈرمە قاناتلىقلار ئەترىتى قاتارلىقلارنىڭ بالا تەنىچىسى.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.