Uyghurئاساسىي لۇغەت
نائىب
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
كاتىپ، ياردەمچى، ۋەكىل، ۋاكالەتچى، ئورۇنباسار، ئورنىنى باسقۇچى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
رەئىس، مۇدىر قاتارلىق رەھبىرى خادىملارغا ياردەملىشىپ خىزمەت ئۆتەيدىغان، شۇ خىزمەت ۋەزىپىلەرنىڭ ئىككىنچى ئورنىدا تۇرىدىغانلىرى.
مۇئاۋىن رەئىس؛ مۇئاۋىن مۇدىر؛ مۇئاۋىن نازىر؛ مۇئاۋىن رەئىس قېيۇم باۋۇدۇن ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىقىنى قوشۇمچە ئۆتەيدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئورۇنباسار، ياردەمچى.
غەيۇر شاھ قول ئاستىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ھەممىسىگە توي - تاماشا قىلىپ بېرىش ھەققىدە ئۆزىنىڭ نائىبلىرىغا پەرمان تارقىتىپتۇ.
ۋاڭلىق تۈزۈمدە، مەسچىتكە نامازغا بارمىغانلارنى دەررىلەش، شەرىئەت قېلىپىدىن چىققانلارنى جازالاش ئىشىنى قىلىدىغان كىچىك ئەمەلدار. ئادەتتە بۇنداقلارنىڭ قولىدا ھامان دەررە بولىدۇ.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
نايىپ، نايۇپ
ئورۇنباسار، ۋەكىل، مۇئاۋىن