Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ناۋاررا پادىشاھلىقى
دۇنيا تارىخى
那瓦尔王国
nà wǎ ěr wáng guó
ئوتتۇرا ئەسىردە ئىبىرىيە يېرىم ئارىلىنىڭ شىمالىي قىسمىدا بارلىققا كەلگەن فېئودال پادىشاھلىق بولۇپ، پايتەختى پامپىلونا. مىلادى Ⅷ ئەسىردە گراف ناۋررانىڭ خوجىلىق زېمىنى بولغان. Ⅸ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى يۈز بەرگەن ئەرەبلەر بىلەن فرانكلار كۈرىشى داۋامىدا مۇستەقىل بولغان. 905-يىلدىن باشلاپ پادىشاھلىق دەپ ئاتالغان. سانكو Ⅲ (1000 - 1035-يىللىرى تەختتە تۇرغان) ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلىدە ئاراگون پادىشاھلىقى، لېئان پادىشاھلىقى ۋە كاستىلىيە پادىشاھلىقىنى ئۆزىگە بىرلەشتۈرۈپ ئالغان، بۇ پادىشاھلىقنىڭ گۈللەنگەن مەزگىلى بولۇپ ھېسابلانغان. ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن بېسىۋالغان زېمىندىن تېزلا مەھرۇم قالغان. 1076 - 1134-يىللىرى ئارگونغا بېقىنغان. 1235 - 1328-يىللىرى فرانسىيىگە تەۋە بولغان. 1512-يىلى جەنۇبىي ناۋاررا ئارەونغا بىرلەشتۈرۈۋېلىنغان. شىمالىي ناۋاررا ئۆزىنىڭ مۇستەقىللىكىنى ساقلاپ قالغان. 1589-يىلى ئۇنىڭ كورۇلى ھېنرى فرانسىيە پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىش تۈپەيلىدىن فرانسىيە بىلەن بىرلەشتۈرۈۋېتىلگەن.