Uyghurئاساسىي لۇغەت
ناس
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
كىشىلەر، ئىنسان؛ خەلق:
مۇھەييا قىلىپ رەسم ئىجلاسىنى،
كى ئېھسان بىلەن تويغازىپ ناسنى.
ناقىس.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئادەم، ئادەملەر، كىشىلەر، ئىنسانلار، ئەل، خەلق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تاماكىدىن تەييارلىنىدىغان، تىل ئاستىغا سېلىپ ياكى بۇرۇنغا پۇراپ چېكىدىغان چېكىملىك.
ناس نامەردنىڭ، تاماكا سۆلەتۋازنىڭ. باي ھەر نەرسىگە بار ئەمەسمۇ، كەمبەغەل ناسۋالغا زار ئەمەسمۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
كۆك تاماكا بىلەن چاكاندا كۈلىنى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلانغان بىر خىل چېكىملىك.