Uyghurئاساسىي لۇغەت
نارېسۇئېن
دۇنيا تارىخى
(1555 - 1605). تايلاند ئايۇتىيە خاندانلىقىنىڭ پادىشاھى (1590 - 1605 ). ئەسلى ئىسمى فرانارېت، قارا پادىشاھ دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بالىلىق چاغلىرىدا بىرمىدا گۆرۈگە ئېلىنغان. 1571-يىلى قويۇۋەتكەندە ۋەتىنىگە قايتىپ كېلىپ، تەخت ۋارىسى بوولغان. 17 يېشىدا پونىشلونىڭ ۋالىيسى بولغان. 1584-يىلى بىرما ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، سىيامنىڭ مۇستەقىللىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. 1587-يىلى يەنە بىرما ئارمىيىسىنىڭ ھۇجۇمنى چېكىندۈرگەن. تەختكە چىققاندىن كېيىن ئۆزىنى نارېسۇئېن دەپ ئاتىغان. تەختتە ئولتۇرغان مەزەخلىدە نۇرغۇن شاھزادىلەرنىڭ چېگرا رايونلاردىكى غوجىلىق يەرلىرىنى بىكار قىلغان. پۈتۈن مملىكەتنى بىرقانچە مەمۇرىي ئۆلكىگە ئايرىپ، ئۇنى پادىشاھ تەيىنلىگەن ئەمەلدارلارغا قاراشلىق قىلغان. سودا ئىشلىرىنى مۇكاپاتلاپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرگەن. 1591- ۋە 1593-يىلىرى كامبودژىغا ئىككى قېتىم بېسىپ كىرگەن ھەمدە 1594-يىلى كامبودژىنىڭ پايتەختى لوۋېك شەھىرىنى ئىشغال قىلغان. 1592-يىلى يەنە بىرما ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، بىرما شاھزادىسىنى ئۆلتۈرگەن. كېيىن يەنە بىرمىنىڭ قولىدىن مالاي يېرىم ئارىلىنىڭ كۆپ قىسمىنى تارتىۋالغان. 1605-يىلى بىرمىنى ئىستېلا قىلىش سەپىرىدە كېسەل بىلەن چېڭمەيدە ئۆلگەن.