Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
نارېندرادېۋا
دائىرە: دۇنيا تارىخى那陵提婆
nà líng tí pó
(؟ - 683) نېپال لىچچاۋىي خاندانلىقىنىڭ پادىشاھى (643 - 368). دەسلەپ پاناھ ئىزدەپ تىبەتكە كېلىپك تىبەت خانى سۇڭزەنگەنبونىڭ ياردىمىنى ئېلىپ، پادىشاھلىق تەختىنى قايتۇرۇۋالغان. مىلادى 647- ۋە 651-يىللىرى ئىككى نۆۋەت ئەلچى ئەۋەتىپ پالەك، سەۋزىجانەم، سۇڭپىياز قاتارلىق سوۋغا - سالاملار بىلەن تاڭ سۇلالىسىنىڭ چاڭئەن شەھىرىگە كەلگەن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە جۇڭەونىڭمۇ مەھسۇلاتلىرىنى مەملىكىتىگە ئالغاچ كېتىپ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرگەن. تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئەلچىلىرى لى ىبياۋ ۋە ۋاڭ شۇەنسىلەرمۇ ئۈچ نۆۋەت نېپالغا كېلىپ دوستانە كۈتۈۋېلىنغان ۋە ياردىمىگە مۇيەسسەر بولغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.