Uyghurئاساسىي لۇغەت
نارا دەۋرى
دۇنيا تارىخى
(710 - 794) ياپونىيىنىڭ نارا شەھىرىنى پايتەخت قىلغان، ئاقسۆڭەكلەر ھاكىمىيىتى دەۋرى. بۇ دەۋر مىلادى 710-يىلى تېننو موتو ئاكى فۇجىۋاركيو (ھازىرقى نارا ناھىيىسىنىڭ جەنۇبى قىسمى) دىن خېيجوكيوغا كۆچكەندە باشلانغان بولۇپ، 784-يىلى يەنە ناگائوكاكيو (ھازىرقى كيوتونىڭ غەربىي شەھەر ئەتراپى) غا كۆچۈپ، نارانى پايتەخت قىلغاندا ئاياغلاشقان. لېكىن ئۇنى خېيئان دەۋرى بىلەن ئۆزئارا باغلىغاندا، 794-يىلى ناگائوكاكيودىن خېيئانكيوغا كۆچكەن مەزگىلىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كۆپ جەھەتتىن جۇڭگو تاڭ سۇلالىسىنىڭ مەدەنىيىتىنى ئۆەىنىش ھەمدە تاڭ سۇلالىسى ئارقىلىق دۇنيا مەدەنىيىتى بىلەن ئۇچرىشىش بۇ دەۋرنىڭ ئالاھىدىلىكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ دەۋرنى تۆت مەزگىلگە ئايرىشقا بولىدۇ: (1) 710 - 729-يىللىرى، 716-يىلى تاڭ سۇلالىسىغا ئەلچى ئەۋەتكەن، ئۇلارنىڭ ئىچىدە جۇڭگودا تۇرۇپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلاردىن كىبى نىكۇنارى، ئابېنوناكامارو، راھىب گېن خو قاتارلىقلار بار ئىدى. 718-يىلى (يورونىڭ 2-يىلى) <يورو يارلىقى> نى تۈزۈپ چىققان. 723-يىلى <ئۈچ ئەۋلاد بىر گەۋدە قانۇنى> نى يولغا قويغان. 712-يىلى <قەدىمكى ئىشلار خاتىرىسى> نى، 720-يىلى <ياپونىيە كىتاب خاتىرىلىرى> نى تۈزۈپ چىققان، بۇلار ياپونىيىنىڭ ئەڭ قەدىمكى تارىخىي كىتابلىرى ھېسابلىنىدۇ. 729-يىلى خان جەمەتى كۈچلىرىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ناگايائو ئاسىيلىق قىلىشقا ئۇرۇنغان دېگەن گۇمانغا ئۇچراپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان، فۇدزىۋارا جەمەتىنىڭ كۈچلىرى تېخىمۇ كۈچەيگەن. (2) 729 - 748-يىللىرى. يەنى تېننو ساتورۇتا كېشىنىڭ ئاماتسۇبو يىللىرى ياپونىيىدە بۇددىزم ئەڭ گۈللەنگەن مەزگىل ئىدى. 729-يىلى فۇدزىۋا رافۇجى خىتونىڭ قىزى كوميوكو تېننو ساتورونىڭ خانىكىسى بولغان. فۇدزىۋارا جەمەتى شىرەم تۇغقان ئورنى ئارقىلىق ھاكىمىيەتنى كونترول قىلىۋالغنا. 743-يىلى <بوز يەرلەرگە خۇسۇسلار مەڭگۈ ۋارىسلىق قىلىش قانۇنى> نى ئېلان قىلغان. شۇ يىلى خىگاشىئو ئىبادەتخانىسىنى ياسىىتشقا باشلىغان (752-يىلى پۈتكەن). بۇ مەزگىلدىكى مەدەنىيەت تارىختا (ئاماتسۇبو مەدەنىيىتى< دەپ ئاتالغان. )3( 749 - 784-يىللىرى. 754-يىلى تاڭ سۇلالىسىنىڭ راھىبى جيەن جىن ياپونىيىگە بارغان. 759-يىلى تاڭ جاۋتى ئىبادەتخانىسى ياستىلغان. بۇ مەزگىلدە دارماد خانتۇ مەزھىپىنىڭ راھىبى مىچى كاگامى ھوقۇقنى چاڭگىلىغا ئېلىۋالغان بىنورمال ۋەزىيەت مەيدانغا كەلگەن. )4( 784 - 794-يىللىرى. تېننو كان تاكېشى 784-يىلى ناگائوكاكيو شەھىرىنى ياسىتىپ، 787-يىلى پايتەختنى شۇ جايغا كۆچۈرەەن؛ 793-يىلىغا كەلگەندە يەنە كادونو دېگەن جايغا خىيئانكيو شەھىرىنى ياسىتىپ، ئىككىنچى يىلى شۇ جايغا پايتەختنى رەسمىي كۆچۈرگەن. نارا دەۋرىدە، 716-يىلدىن باشلاپ تاڭ سۇلالىسىغا ئەۋەتىلىدىغان ئەلچىلەرنى كۆپ قېتىم تەيىنلەپ، تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئەلچىلىرىنى كۈتۈۋالغان ۋە ئۇزىتىپ قويغان، گەرچە بەزىدە كۆزلىگەن مەقسەتكە يېتەلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن تاڭ سۇلالىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ بىر قەدەر قويۇق ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.