Uyghurئاساسىي لۇغەت
ناپولېئون قانۇنى
دۇنيا تارىخى
فرانسىيىنىڭ ئىجرائىيە ھۆكۈمىتى مەزگىلىدە تۈزۈلگەن ھەق تەلەپ قانۇنى. فرانسىيە بۈيۈك ئىنقىلابى باشلانغاندىن كېيىن بىر تۇتاش ھەق تەلەپ قانۇنى تۈزۈش جاكارلانغان، ئۇنىڭ لايىھىسى تۆت قېتىم تۈزۈلگەن بولسىمۇ، مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىغان. 1800-يىلىدىن باشلاپ، ئىككىنچى ئىجرائىيە ھۆكۈمەتتىكى كامباسېرېس ۋە تۆت كىشىلىك قانۇن تۈزۈش ھەيئىتىنىڭ تەييارلىشى ھەمدە ناپولېئوننىڭ بىۋاسىتە رىايسەتچىلىك قىلىپ تەكشۈرۈشىبىلەن، 1804-يىلى ماقۇللانغان. كېيىن بىر ئاز تۈزىتىپ تولۇقلانغان. 1807-يىلى <ناپولېئون قانۇنى> دەپ رەسمىي نام بېرىلگەن. 1816-يىلى ھەق تەلەپ قانۇنى دېگەن كونا نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. بۇ قانۇن رىم قانۇنى، ئەنئەنىۋى قانۇن ۋە ئىنقىلابىي يېڭى قانۇننى بىرلەشتۈرۈپ تۈزۈلگەن. جەمئىي 2281 ماددا. ئۇنىڭدا بۇرژۇئازىيىنىڭ ئىجتىمائىي تەرتىپى مۇقىملاشتۇرۇلغان، پۇقرالارنىڭ قانۇن جەھەتتىكى باراۋەرلىكى ۋە خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك ھوقۇقىنىڭ چەكلەنمەيدىغانلىقى پرىنسىپى بەلگىلەنگەن؛ بۈيۈك ئىنقىلاب مەزگىلىدە سېتىۋېلىنغان مال - مۈلۈكلەرنىڭ پۈتۈنلەي يېڭى خوجايىننىڭ ئىگىدارچىلىقىدا بولىدىغانلىقى ئېتىراپ قىلىنغان؛ نىكاھ ۋە ئائىلە مۇناسىۋىتى جەھەتتە پاترىئارخاللىق ئەرلەر ھاكىمىيىتى كۈچەپ قوغدالغان. قانۇن ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىدا كەڭ قوللىنىلغان، ئۇ ھازىرغىچە چوڭ تەسىر كۆرسەتمەكتە. ئۇنىڭدىن باشقا، ناپولېئون ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە يەنە كەينى - كەينىدىن تۆت قانۇن، يەنى <ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى> (1806، <سودا قانۇنى >1807)، <جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى> (1808، <جىنايى ئىشلار قانۇنى> )1810( ئېلان قىلىنغان