Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
نانت
دائىرە: دۇنيادىكى شەھەرلەر南特
nán tè
فرانسىيىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى لۇئارا دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىغا جايلاشقان شەھەر، دەريا ئاغزى بىلەن بولغان ئارىلىقى 54 كىلومېتىر بولسىمۇ، ئوكيان پاراخوتلىرى بىۋاسىتە شەھەر رايونىغا كىرەلەيدۇ، شەھەر ئاھالىسى 260 مىڭدىن ئاشىدۇ. نانت فرانسىيىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى مۇھىم سانائەت مەركىزى، مۇھىم قاتناش تۈگۈنى. شەھەرنىڭ مېتاللۇرگىيە، نېفىت - خىمىيە، كېمىسازلىق، يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق سانائەتلىرى تەرەققىي قىلغان. شەھەرنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا ئايرودرومى بار. تاشقى سودىسىدا نېفىت، تەبىئىي گاز قاتارلىق خام ئەشيالارنى ئىمپورت قىلىشنى ئاساس قىلىدۇ. شەھەردە يەنە خان سارايلىرى، چېركاۋلار، مەشھۇر قەدىمىي قۇرۇلۇشلار بار.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.