Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
南极条约
دۇنيا تارىخى
جەنۇبىي قۇتۇپ شەرتنامىسى
1959-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئارگېنتىنا، ئاۋسترالىيە، بېلگىيە، چىلى، فرانسىيە، ياپونىيە، يېڭى زېلاندىيە، نورۋېگىيە، جەنۇبىي ئافرىقا، سوۋېت ئىتىتپاقى، ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكا قاتارلىق ئون ئىككى دۆلەت ۋە رايون ۋاشىنگتوندا ئىمزالىغان. 1961-يىل 6-ئاينىڭ 23-كۈنى كۈچكە ئىگە بولغان. مۇددىتى ئوتتۇز يىل. پولشا 1977-يىلى ئەزا بولغان. شەرتنامىدە: جەنۇبىي قۇتۇپنى پەقەت تىنچلىق مەقسىتى ئۈچۈنلا ئىشلىتىش، جەنۇبىي قۇتۇپ رايندا ھەرقانداق ھەربىي خاراكتېردىكى تەدبىر قوللىنىشنى مەنئى قىلىش لېكىن پەن تەتقىقاتى ياكى باشقا ھەرقانداق تىنچلىق مەقسىتى ئۈچۈن ھەربىي خادىملار ياكى ھەربىي ئەسلىھەلەردىن پايدىلىنىشنى مەنئى قىلماسلىق؛ جەنۇبىي قۇتۇپتا ھەرقانداق يادرو پارتلىتىش ۋە مەزكۇر رايوندا رادىئوئاكتىۋ چاڭ - توزانلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشنى قەتئىي چەكلەش؛ شەرتنامە كۈچكەئىگە مەزگىلدە جەنۇبىي قۇتۇپقا نىسبەتەن ھەرقانداق تېررىتورىيە تەلىپى قويماسلىق بەلگىلەنگەن ھەمدە شەرتنامىنى ئىمزالاشقا قاتناشقان دۆلەتلەر ھەرقانداق ۋاقىتتا جەنۇبىي قۇتۇپتىى ھەممە رايونلاردا ھاۋا ياكى يەر ئارقىلىق تەكشۈرۈپ تۇرۇش ئۈچۈن كۆزەتكۈچى ئەۋەتىشكە ھوقۇقلۇق، دەپ بەلگىلەنگەن. جەنۇبىي قۇتۇپ شەرتنامىسى خەلقئارالىق تەكشۈرۈش پرىنسىپىنى تۇنجى قېتىم قوبۇل قىلغان كۆپ تەرەپلىمىلىك كېلىشىمدىن ئىبارەت. 1963-يىلى 11-ئايدىن باشلاپ كۆپ قېتىم <تەكشۈرۈش> ئېلىپ بېرىلغان. 1978-يىلى 2-ئاي ۋە 7-ئايدا مەزكۇر شەرتنامىگە ئەزا 13 دۆلەت (1977-يىلى پولشانىڭ ئەزا بولۇشى تەستىقلانغان) ۋەكىللىرى ئالاھىدە مەسلىھەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، جەنۇبىي قۇتۇپ دېڭىزدىكى بىئو بايلىقلارنى قوغداش ۋە ئۇنى ئېچىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان. 1983-يىلى 6-ئايدا جۇڭگو بۇ تەشكىلاتقا قاتناشقان.
قانۇن
nán jí tiáo yuē
جەنۇبىي قۇتۇپ شەرتنامىسى