Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ناندا سۇلالىسى
دائىرە: دۇنيا تارىخى难陀王朝
nán tuó wáng cháo
قەدىمكى ھىندىستاندىكى ماگادا دۆلىتىدىكى سۇلالە (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 364 - 324). ماخاپادما ناندا قۇرغان، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇ شىسۇناجا سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى پادىشاھى ماخاناند بىلەن سۇدرالىق ئايالدىن تۇغۇلغان (ئۇنىڭ دادىسى سۇدرا دېگەن گەپمۇ بار)، كېيىن بىردىنبىر پادىشاھ بولۇپ، ناندا سۇلالىسىنى بارپا قىلغان. ماخاپادما ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردە، گانگې دەرياسى ۋادىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن بىرلىككە كەلتۈرگەن، جەنۇبىي ھىندىستاندىكى جىلىڭگانى ۋە دېكا ئېگىزلىكىنىڭ بىر قىسمىنى ماگادا زېمىنىغا قوشقان. ماخاپادمانىڭ سەككىز ئوغلى بولۇپ، ئۇلار كەينى - كەينىدىن تەختكە ۋارىسلىق قىلغان. ئاخىرقى پادىشاھ دانا ناندا ماكېدونىيىلىك ئالېكساندر بىلەن دەۋرداش بولۇپ، يۇنان يازغۇچىلىرىنىڭ خاتىرىلىرىدىن قارىغاندا، ئۇنىڭ 20 مىڭ ئاتلىق ئەسكەر، 200 مىڭ پىيادە ئەسكەر، 2000 دانە تۆت ئاتلىق ئۇرۇش ھارۋىسى، 3000 ئۇرۇش پىلىغا ئىگە بولغان قۇدرەتلىك ئارمىيىسى بولغانىكەن. دانا ناندا كۆپلەپ ئالۋاڭ - ياساق سېلىپ، خەلقنىڭ رايىدىن مەھرۇم قالغان، چاندراگۇپتا ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاپ دانا ناندانى ئۆلتۈرگەن، ناندا سۇلالىسىنىڭ ئورنىنى ماۋۇريا خانلىقى ئالغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.