Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
نامىق كامال
دۇنيا تارىخى
纳米克.凯末尔
nà mǐ kè .kǎi mò ěr
(1840 - 1888) تۈركىيىلىك شائىر، يازغۇچى، سىياسىي ئوبزورچى، يېڭى ئوسمان جەمئىيىتىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى. ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. ياش ۋاقتىدا ھۆكۈمەت تەرجىمە ئورگىنىدا خىزمەت قىلغان. بۇردۇئا مەرىپەتچىلىك ئىدىيىسىنى تەشۋىق قىلىپ، فېئوداللىق مەدەنىيەتكە قارشى تۇرغان. 1865-يىلى يېڭى ئوسمان جەمئىيىتىنى قۇرۇشقا قاتناشقان. 1867-يىلى ماقالىسىدە سۇلتانغا قارشى تۇرغاچقا،ياۋروپاغا قېچىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان. 1871-يىلى ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئاخبارات ئىشلىرى بىلەن داۋاملىق شۇغۇللانغان. 1873-يىلى <ۋەتەن> دېگەن ۋەتەنپەرۋەر سەھنە ئەسىرىنى يازغانلىقى ئۈچۈن يەنە سۈرەۈن قىلىنغان. 1876-يىلى ۋەتەنگە قايتىپ كېلىشپ ئاساسىي قانۇن تۈزۈش پائالىيىتىگە قاتناشقان. ئۇزاق ئۆتمەي ھۆكۈمەت دائىلىرى ئۇنى كىئوس (گرېتسىيىدە) ئارىلىغا سۈرگۈن قىلغان، كېيىن ئۇ بۇ ئارالدا ئۆلۈپ كەتكەن. كۆپلىگەن شېئىر، رومان، سەھنە ئەسىرى ۋە سىياسىي ئوبزور، ماقالە قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان.