Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
نامچىلىق
دائىرە: دۇنيا تارىخى唯名论
wéi míng lùn
مەدرىس پەلسەپىسىدىكى چىنلىق نەزەرىيىسى (<رېئالچىلىق> دەپمۇ ئاتىلىدۇ) بىلەن قارىمۇ قارشى بولغان ئېقىم. بۇ ئىككى ئېقىم ئوتتۇرىسىدىكى تالاش - تارتىشنىڭ مەركىزىي نۇقتىسى ئومۇمىي ئۇقۇم (<ئۇنىۋېرساللىق>) <نام> مۇ ياكى <رېئاللىق> مۇ دېگەندىن ئىبارەت. نامچىلىق تەرەپدارلىرى، ئومۇمىي ئۇقۇم - ئىنسان تەپەككۇرىدىكى ئابستراكتلىق بولۇپ، ئايرىم شەيئىلەرنىڭ نامى ياكى ئاتالغۇسىنىلا يىغىنچاقلاپ بېرىدۇ. ئۇنىڭ ئۆزى ئوبيېكت ئەمەس، دەپ قارايدۇ، شۇڭا بۇر ئېقىم ماتېرىيالىزم ئامىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئۇنىڭ ۋەكىللىرى رۇسېلىن، ئابېلارد، دۇنىس سىكوت قاتالرىقلاr. چىنلىق نەزەرىيىسى تەرەپدارلىرى بولسا ئومۇمىي ئۇقۇم ھەقىقىي مەۋجۇدىيەت، يەنە كېلىپ ئۇ ئايرىم شەيئىدىن ئالدىن تۇرىدۇ، دەپ قارايدۇ، شۇڭا بۇ ئېقىم ئوبيېكتىپ ئىدېئالىزمغا كىرىدۇ، ئۇنىڭ ۋەكىللىرى ئانسېلمۇس، توماس ئاكئۇناس قاتارلىقلار چېركاۋ چىنلىق نەزەرىيىسىنى ئەنئەنە قىلىۋالغان، نامچىلىق بولسا سۆكۈلگەن.
ئۇنىۋېرسال,تەنتەربىيە,قانۇنشۇناسلىق
唯名论
wéi míng lùnDئىستېتىكا
唯名论(哲)
wéi míng lùn (zhé )
دائىرە: دىنى سۆزلۈكلەر唯名论
wéi míng lùn
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.