Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
نامامۇگى ۋەقەسى
دائىرە: دۇنيا تارىخى生麦事件
shēng mài shì jiàn
ياپونىيە توكۇگاۋا شوگونلۇقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە ساتسۇما ۋاسساللىقى سامۇرايلىرىنىڭ ئىنگلىزلارنى ئۆلتۈرۈش - يارىلاندۇرۇش ۋەقەسى. ساتسۇما ۋاسساچىنىڭ ئاتىسى شىما زۇمىسا ستىسۇئوھارانى ئەگەشتۈرۈپ شەرقتىكى ئېدۇغا بېرىپ، شوگونلۇققا ئوردىنىڭ شوگونلۇق سىياسىتىنى ئىسلاھ قىلىش توغرىسىدىكى يارلىقنى يەتكۈزگەن. 196-يىل 9-ئاينىڭ 14-كۈنى كيوتوغا قايتىش سەپىرىدە يوكوھاما يېنىدىكى نامامۇگى يېزىسىدا رىچاردىسون (1827 - 1862) قاتارلىق تۆت ئاتلىق ئىنەلىز بىلەن ئۇچرىشىپ قالغان. ۋاسسال سامورايلىرى ئىنەلىزلار ھۆرمەتسىزلىك قىلىپ سەپنىڭ ئالدىدىن كېسىپ ئۆتتى دېەەن سەۋەب بىلەن رىچاردسوننى چېپىپ ئۆلتۈرەەن ھەمدە ئىكىسىنى يارىلاندۇرغان. ئەنگلاىيىنىڭ مۇۋەقەت ئەلچىسى نىل شوگونلۇق بىلەن ساتسۇما ۋاسسالىدىن زىياننى تۆلەپ بېرىشنى ۋە قاتىلنى ئۆلتۈرۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. كېيىنكى يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى شوگنات ئەنگلىيىگە ناماقۇل بولغان. 100 مىڭ فوندىستېرلىك تۆلەم تۆلىگەن. لېكىن ساتسۇما ۋاسسالى ئەجنەبىيلەرنى چەتكە قېقىشنى داۋاملاشتۇرپ، ئىنگلىزلارنىڭ شەرتلىرىنى رەت قىلغان. نەتىجىدە ساتسۇما - ئەنگلىيە ئۇرۇشى يز بەرگەن.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.