Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ناكا ئوكاشىنتارو
دائىرە: دۇنيا تارىخى中冈慎太郎
zhōng gāng shèn tài láng
(1838 - 1867) ياپونىيە توكوگاۋا شوگناتىنىڭئاخىرقى مەزگىلىدىكى پادىشاھنى ئىززەتلەپ، ئەجنەبىيلەرنى چەتكە قېتىپ، شوگناتنى ئاغدۇرغۇچى زاتلاردىن. ئەسلى ئىسمى مىچىماسا، ئادەتتىكى ئىسمى كۈچى. ياش ۋاقتىدا ماگاساكى ئائوكىنامى (1834 - 1863) دىن تەلىم ئالغان. 1861-يىلى توساكىننوتوغا قاتنىشىپ، پادىشاھنى ئىززەتلەش، ئەجنەبىيلەرنى چەتكە قېقىش ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1862-يىلى 50 كىشىلىك گۇرۇپپا (كېيىن قۇرۇقلۇقتىن ياردەم بەرگۈچى ئەترەتكە ئۆزگەرتكەن) تەشكىللەپ، ئېدو، كوتو قاتارلىق جايلاردا پائالىيەت ئېلىپ بارغان. 1863-يىل 18-ئاۋغۇست سىياسىي ئۆزەىرىشىدىن كېيىن، ناگاسۇغا قېىچپ بېرىپ، ماكا ياسۇئومى، كۇساكا گېنزۇئى قاتارلىقلار بىلەن بىللە، شوگناتنى ئاغدۇرغۇچىلارنىڭ غوللۇق شەخسلىرىدىن بولۇپ قالغان. 1864-يىلدىكى كىممون ئۆزگىرىشى مەزگىلىدە، پىداكارلىق بىلەن جەڭ قىلىپ يارىلىنىپ، كېيىن سادىق باتۇر ئەرتەت باشلىقى بولۇپ سايلانغان. 1866-يىلى سايگو تاكامورى بىلەن كىدو تاكايوشىنىڭ كىيوتودا ئۇچرىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ساتسۇما - ناگاسۇ شوگناتنى ئاغدۇرۇش ئىتىتپاقىنى قۇرۇشقا ياردەملەشكەن. 1867-يىلى توسا ۋاسساللىقىغا ۋەكىل بولۇپ ساتسۇما ۋاسساللىقىنىڭ ۋەكىلى ئوكۇ بوتوشىمىچى بىلەن كۆرۈشۈپ، ساتسۇما - توسا ئىتىتپاقلىق ئەھدىنامىسىنى تۈزگەن. شۇ يىلى كيوتودا ساكا موتويوما بىلەن بىللە ئۆلتۈرۈلگەن
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.