Uyghurئاساسىي لۇغەت
نايناقلىماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
باشقىلارنىڭ ئامراقلىقىنى قوزغاش ئۈچۈن ئەتەي ناز قىلماق.
بالا ئەركىلىسە، ئەركىلەتمە. تايتاڭلىغان تار يولدا قالار. نايناقلىغاننىڭ كۆزى كۆرمەس.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
بەللىرىنى تولغىماق، قىلىقسىز ھەرىكەتلەرنى قىلماق؛ غىلجىڭلىماق؛ ھەددىدىن ئارتۇق ئەركىلىمەك.
دالان ئۆيدىن نايناقلاپ چىقىۋاتقان ئايتۇران ئۇشتۇمتۇت كىرىپ كەلگەن ئالماسنى كۆرۈپ، نېمىدىندۇر ئەندىككەندەك غىپپىدە ئارقىسىغا ياندى.