Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ناگارجۇنا
دۇنيا تارىخى
龙树
lóng shù
(تەخمىنەن 150 - 250-يىللاردا) قەدىمكى ھىندىستاندىكى بۇددا دىنى نەزەرىيىچىسى. ماھايانا بۇددىزمىنىڭ ۋىپاسىياناتەلىماتىغا ئاساس سالغۇچى. جەنۇبىي ھىندىستاندىكى ۋىيداپ دۆلىتى (ھزىرقى بېلار) دا تۇغۇلغان، براھمان تائىپىسىدىن. دەسلەپتە كاپىمالادا ھىنايانا ترى پىتاكا نومىنى ئۆگەنگەن، بۇنىڭدىن قانائەت ھاسىل قىلماي، كېيىنچە ماھايانا نوملىرىنى ئۆگىنىشكە ئۆزگەرتىپ، كامالەتكە يەتكەن، ئاسۋاگوسادىن كېيىن، ماھايانا بۇددىزمىنىڭ مەشھۇر ئۇستازىغا ئايلانغان، كېيىنكى بۇددا مۇرىتلىرى ئۇنى <ناگاجۇنا بۇدساتۋا دەپ ئاتاشقان، ئۇنىڭ نۇرغۇن ئەسەرلىرى بولۇپ، بۇلار > مىڭ جىلد ئىلمىي ئەسەر< دەپ ئەتىۋارلانغان، مۇھىملىرىدىن >مادخيامىكا ساستراغا ھەدىيە<، >12 مەزھەپ ھەققىدە<، >70 بوشلۇق نەزەرىيىسى<، >نەسىھەتكە قايتىش ھەققىدە<، >چەكسىزلىك نەزەرىيىسى<، >مۇجەسسەم نوملار ھەققىدە<، >ماخاپراجنا پارامىتا ساسترا< قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. ئۇنىڭ >بوشلۇق<، >ئوتتۇرا يول<، >ئىككى ھەقىقەت< (ھەقىقىي مەنە - ئاددىي مەنە) قاتارلىق تەلىماتلىرى قەدىمكى ھىندى پەلسەپىسىنىڭ تەرەققىياتىغا خېلى تەسىر كۆرسەتكەن.