Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ناگانو ئوسامى
دائىرە: دۇنيا تارىخى永野修身
yǒng yě xiū shēn
(1880 - 1947) ياپونىيە دېڭىز ئارمىيە مارشالى، ئۇرۇش جىنايەتچىسى. 1910-يىلى دېڭىز ئارمىيە ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن. دېڭىز ئارمىيە ماتروسلىرى مەكتىپىنىڭ مۇدىرى، ھەربىي شتابنىڭ ئورۇنباسار باشلىقى، يوكوسۇكا گارنىزونىنىڭ قوماندانى بولغان. 1934-يىلى دېڭىز ئارمىيە ئادمىراللىقىغا ئۆستۈرۈلگەن. 1935-يىلى لوندون دېڭىز ئارمىيە ھەربىي ھازىرلىقلىرىنى قىساقرتىش يىغىنىغا قاتناشقۇچى تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىل بولغان. 1936-يىلى ھروتاكوكى كابىنېتى دېڭىز ئارمىيە ۋەزىرى بولغان. 1937-يىلى بىرلەشمە دېڭىز الوتىنىڭ قوماندانى بولغان. 1941-يىلى دېڭىز ئارمىيە باش شتابىنىڭ باشلىقى بولغان. 1943-يىلى دېڭىز ئارمىيە مارشالى بولغان. ئۇ ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە ئامېرىكا، ئەنگلىيىگە قارشى ئۇرۇشنى قەتئىي تۈردە تەشەببۇس قىلغان. ياپونىيە تەلىم بولغاندىن كېيىن 1-دەرىجىلىك ئۇرۇش جىنايەتچىسى سۈپىتىدە قولغا ئېلىنغان. يىراق شەرق ھەربىي سوتى تەرىپىدىن سوراق قىلىنىۋاتقاندا ئاغرىق تۈپەيلى تۈرمىدە ئۆلگەن.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.