Uyghurئاساسىي لۇغەت
نادىر شاھ
دۇنيا تارىخى
(1688 - 1747) ئىران پادىشاھى (1736 - 1747). خوراساندا تۇغۇلغان، ئەسكەرلىكتىن كېلىپ چىققان. 1726-يىلى سافى خاندانلىقىنىڭ پادىشاھى تاخماسىپ Ⅱ (؟ - 1739) نىڭ كەتمىنىنى چېپىپ، باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلغاچقا، مۇھىم ئىشقا قويۇلغان. 1730 - 1936-يىللىرى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئافغانىستان ۋە تۈركىيە تاجاۋۇزچىلىرىنى مەغلۇپ قىلغان. 1736-يىلى 3-ئايدا پادىشاھلىققا كۆتۈرۈلگەن. كېيىن ئۇ ئافغانىستان، ھىندىستاننىڭ غەربىي شىمالىي قىسمى، ئوتتۇرا ئاسىيا قاتارلىق جايلارنى بويسۇندۇرۇپ، كەڭ ھەربىي ئىمپېرىيە قۇرغان. ئۆزى ھۆكۈمرانلىق قىلغان رايونلاردا دەھشەتلىك ھۆكۈمرانلىقنى يولغا قويغانلىقتىن، خەلق ئۈزلۈكسىز قارشىلىق كۆرسەتكەن، ھەرقايسى جايلاردىكى فېئودال خانلار ئارقا - ئارقىدىن توپىلاڭ كۆتۈرگەن، شۇنىڭ بلەن ئىمپېرىيە تېزلىكتە پارچىلانغان. 1747-يىلى 6-ئايدا ئۆلتۈرۈلگەن.