Uyghurئاساسىي لۇغەت
ناباپ
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئىش - ھەرىكەتكە ئۇيغۇن ئەمەس، ماس، دەل كەلمەيدىغان.
باب، مۇۋاپىق، لايىق، مۇناسىپ
ئىش - ھەرىكەتكە ئۇيغۇن، ماس، دەل كەلگەن.
باپ كەلگەن ئىشتا پايدا بار. ئۆتكەنكى تەجرىبىنىڭ ھازىرغا مۇۋاپىق كېلىشى ناتايىن. مۇناپىق دوستلۇققا ئەمەستۇر لايىق. ئۆزۈڭگە مۇناسىپ گەپنى قىل، ناباپ دوستتىن ۋاز كەچ. نالايىق ئىش بىر كۈن بولمىسا بىر كۈن بىلىنىدۇ. نامۇۋاپىق ئىش يامان نەتىجە بېرىدۇ. ئۆزۈڭگە نامۇناسىپ ئىشنى قىلما.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۇيغۇن بولمىغان، ماس كەلمەيدىغان، لايىق ئەمەس.
ناباپ دوستتىن ۋاز كەچ. نامۇۋاپىق ئىش ئۇزاققا بارماس. نالايىق ئىش ئاخىر بىلىنىدۇ. ئۆزۈڭگە نامۇناسىپ ئىشنى قىلما.