Uyghurئاساسىي لۇغەت
مىزان
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئۆلچىگۈچ، تارازا.
ئون ئىكى بۇرجنىڭ يەتتىنچىسى:
چۇن مەھەلدىن بېردى ئايىنى بەھار،
بولدى تەڭ مىزاندا لەيلۇ نەھار.
نەۋايى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئۆلچەك، تارازا؛ كونا ئاسترونومىيىدە كۆكتىكى ئون ئىككى بۇرجىنىڭ يەتىنچىسى(9 - ئايلارغا توغرا كېلىدۇ).
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىش - ھەرىكەتنىڭ قانداق ۋە قانچىلىقىنى كۆرسىتىدىغان ئومۇمىي بەلگە، پرىنسىپ.
ئەمەلىيەت ھەقىقەتنىڭ ئۆلچىمى. ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتسە دورىمۇ زەھەر. 14 - ئۆكتەبر خەلقئارا ئۆلچەم كۈنىدۇر. ۋاقىت ھەقىقەتنىڭ مىزانى. ئىنساننى ئۆلچەيدىغان ھەقىقىي مىزان ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئىشىدۇر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
تارازا، جىڭ.
مىزانغا سېلىپ ئېغىرلىقىنى ئۆلچىمەك.
ئېشىڭنى ئۆلچەشكە نەدىكى ۋاقىت، ئېيتقىنا، خاتامۇ ئېيتقان سۆزىمىز، ھەر يىلى باھالاپ نەچچە خاماننى، مىزانغا ئايلانغان بىزنىڭ كۆزىمىز.
<ئاستر> مىزان بۇرجى.
شەمسىيە يىل ھېسابىدا 7 - ئاينىڭ ئەرەبچە نامى.
كۆچمە. سۆز ھەرىكەت قاتارلىقلار ۋە ئۇلارنى باھالاشتا ئاساسلىنىدىغان پرىنسىپ ياكى ئۇلارنىڭ ئۆلچىمى، نورمىسى ياكى قېلىپى.
ھەرىكەت مىزانى. ئەخلاق مىزانى.