Uyghurئاساسىي لۇغەت
مىئراج
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ سۆزنىڭ ئەسلىي مەنىسى «شۇتا» قا ئۆزگەرگەن. بۇنىڭدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يەتتە قات ئاسمانغا چىققانلىق توغرىىسىدىكى رىۋايەت كۆزدە تۇتۇلىدۇ. رىۋايەت قىلىنىشىچە، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى «بىر كېچىدە»، «مەسچىدى ھەرامدىن ئەتراپىنى بەرىكەتلىك قىلغان مەسچىدى ئەقساغا ئېلىپ كەلدى» (17 - سۈرىنىڭ 1 - ئايىتىدىن). دەسلەپكى چاغلاردىكى تەپسىرلەردە مەسچىدى ئەقسا جەننەتكە تەمسىل قىلىنىپ، يەتتە قات ئاسماننىڭ ئۈستىدە، دېيىلگەن. كېيىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ كېچىدە ئېرۇسالىمغا بېرىشى بىلەن ئارىلاشتۇرۇۋېتلىپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دىننى تەرغىپ قىلغان 12 - يىلى (621) 7 - ئاينىڭ 27 - كۈنىدىن بۇرۇنقى كېچىسى قىلىپ بېكىتىلگەن. شۇ كېچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەرىشتە جىبرىئىلنىڭ ھەمراھلىقىدا بۇراققا مىنىپ مەككىدىن ئېرۇسالىمغا كەلگەن. ئۇ يەر (ھازىرقى ئەقسا مەسچىتى بار جاي) دىن يەتتە قات ئاسمانغا چىقىپ، ئادەم ئەلەيھىسسالام، يەھيا ئەلەيھىسسالام، ئىيسا ئەلەيھىسسالام، يۈسۈف ئەلەيھىسسالام، ئىدرىس ئەلەيھىسسالام، مۇسا ئەلەيھىسسالام ۋە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالاملار بىلەن ئۇچراشتى ھەمدە پەيغەمبەرلەرگە ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇدى. ئاللادىن بىر كۈندىكى نامازنى بەش ۋاق قىلىپ بېرىشنى ئىلتىجا قىلىدى. تاڭ يوروغاندا مەككىگە قايتىپ كەلدى. شۇنىڭدىن كېيىن مۇسۇلمانلار ئېرۇسالىمنى ئىسلام دىنىنىڭ ئۈچىنچى مۇقەددەس جايى دەپ قارايدىغان بولدى ھەمدە ھەر يىلى ھىجرىيە 7 - ئاينىڭ 27 - كۈنىنى «مىئراج ئايىمى » قىلدى. مىئراج مۇسۇلمان ئەدەبىياتىغا، پەلسەپىسىگە ۋە مىستتسىزمىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى. سۈرىدە «ئاسمان شوتىلىرىنىڭ ئىگىسى» ئاللا، دېيىلگەن (70 - سۈرىنىڭ 3 - ئايىتى).
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئەرەبچە
مېھراج، مېھراجەم، مىراج
ئۆرلەش شوتىسى؛ تىك ئۆرلىمەك