Uyghurئاساسىي لۇغەت
مىخ يېزىق
دۇنيا تارىخى
قەدىمكى غەربىي ئاسىيادا ئىشلىتىلگەن بىر خىل يېزىق، يېزىقنىڭ سىزىقلىرى مىخ شەكلىدە بولغانلىقتىن، شۇندا دەپ ئاتالغان. يەر ئاستىدىن تېپىلغان ئەڭ قەدىمكى يېزىقلارنىڭ بىرى. ئۇچلانغان قومۇش، سۆڭەك ياكى ياغاچ بىلەن سېغىز تاختىنىڭ ئۈستىگە يېزىلىپ، ئۇنى ئاپتاپقا ياكى ئوتقا قاقلاپ قۇرۇتقاندىن كېيىن، لاي بەتكە ئايلانغان. مىلادىدن 2700 يىل ئىلگىرى ئەتراپىدا فارا كىتابلىرىدا سىزىقلىرى رەتلىك يېزىق بولۇپ، ئۇنى سۇمېرلىقلار ئىجاد قىلغان. كېيىن ئاككادلار، بابىلونلىقلار، ئاسسۇرىيىلىكلەر، ھىتتلار، پېرسىيىلىكلەر ۋە باشقا خەلقلەر ئىشلەتكەن، شۇنىڭ بىلەن يېقىنشەرق رايونىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتىيىدە ئورتاق ئىشلىتىدىغان يېزىقىغا ئايلىنىپ، فىنىكلەرنىڭ ھەرپلىك يېزىقىنىڭ شەكىلىنىشىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسەتكەن. بۇ يېزىقنىڭ تولىسى تەسۋىرىي يېزىق بولۇپ، كۆرسىتىش، مەنىسىنى بىلىش، ئوخشىتىش، ئىزاھلاش ۋە پايدىلىنىش ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن، كېيىن تاۋۇزلۇق يېزىق (جەمئىي 500 دىن ئارتۇق) قىلىپ ئىشلىتىلگەن. دەسلەپتە يۇقىرىدىن تۆۋەنگە تىك قۇر قىلىپ يېزىلغان، كېيىن 90 گرادۇس ئايلاندۇرۇپ، توغرىسىغا يېزىلىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. ئۇ سولدىن ئوڭغا قاراپ توغرىسىغا يېزىلغانلىقى ئۈچۈن مىخ بېشى سولدا، مىخ قۇيرۇقى ئوڭدا بولغان. يېڭى باىلونىيە مۇنقەرز بولغاندىن كېيىن، مېسوپوتامىيە ۋادىسىدا داۋاملىق ئىشلىتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئارامېئان تىلىنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، تەدىرىجىي ھالدا ئىشلىتىلمەيدىغان بولغان. يېقىنغىچە ساقلىنىپ كەلگەن بىر پارچە سېغىز بەت مىلادىدىن بۇرۇنقى Ⅵ ئەسىرنىڭ بولۇپ، 19 - ئەسىرگە كەلگەندىلا ئەنگلاىيىلىك راۋلىنسون ئوقۇپ مەنىسىنى يېشەلىگەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
تىلشۇناسلىق
قەدىمكى سومېر خەلقى ئىجاد قىلغان بىر خىل يېزىق. ئۇ مىلادىيىدىن 3500 يىل بۇرۇنلا مەۋجۇت بولۇپ، ئېلىمىزدىكى چىغناق - تاغاق يېزىقىدىن 2000 يىل بۇرۇن پەيدا بولغان. بۇ يېزىق ياغاچ، تاش ۋە خىش تاملارغا ئويۇپ يېزىلغان، مىلادىيىدىن بۇرۇنلا ئوتتۇرا ئاسىياغا خېلى كەڭ تارقالغان، بابىلۇنلۇقلار ۋە بەزى پارس ئەللىرى قوللانغان. مىخ يېزىق ئەسلىدىكى تەقلىدىي يېزىق شەكلىدىن بارا - بارا بوغۇملۇق يېزىققا، ئاندىن تاۋۇشلۇق يېزىققا قاراپ تەرەققىي قىلغان. بىراق مىلادىيىدىن كېيىن بۇ يېزىقنى كىشىلەر ئانچە قوللانمايدىغان بولۇپ قالغان.