Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
مىخچە قۇلۇلە
بىئولوگىيە
钉螺
dīngluó
قورساق پۇتلۇقلار سىنىپىنىڭ ئالدىنقى ژابرالىقلار كەنجى سىنىپى، بىگىز قۇلۇلە ئائىلىسىگە كىرىدۇ. قاپچۇقى كىچىك، يېتىلگەن قۇلۇلە قاپچۇقىنىڭ ئېگىزلىكى ئادەتتە 7 - 10 مىللىمېتىر، كەڭلىكى ئۈچ مىللىمېتىر كېلىدۇ. قاپچۇقى سەل ئۇچلۇق كونۇس شەكلىدە بولۇپ، يەتتە قۇلۇلە قەۋىتى بولىدۇ. قاپچۇقى قاتتىق، قاپچۇقنىڭ سىرتقى يۈزى تارقىلىش رايونى ۋە تۈرلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ ناھايىتى چوڭ پەرقلىنىپ، بەزىلىرىنىڭ ئۇزۇنسىغا كەتكەن بېقىن سىزىقچىلىرى بولىدۇ، بەزىلىرىنىڭ سىلىق - پارقىراق كېلىدۇ، پوستى مۈڭگۈز ماددىلىق سارغۇچ قوڭۇر نېپىز ياپراقچىدىن ئىبارەت. باش قىسمى تەرەققىي قلغان. ئىككى تال ئانتېننىسى ئۇزۇن، كۆزى ئانتېننىسىنىڭ تۈۋىنىڭ يان تەرىپىگە جايلاشقان، سۇ ۋە قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان قوش ماكانلىق قۇلۇلە تۈرى بولۇپ، تۈزلەك رايونلاردىكى كۆل ياقىلىرىدا، ئاستا ئاقىدىغان كىچىك دەريالاردا، ئۆستەڭلەر، كۆلچەكلەر، شاللىقلار ھەم تاغلىق ياكى ئېدىرلىقلاردىكى ئاستا ئاقىدىغان ئېرىقلار، تاغ باغرىدىكى ئوتلاقلارنىڭ ھەممىسىدە مىخچە قۇلۇلىنىڭ تارقىلىش ئېھتىمالى بار. ئادەتتە بالا قۇلۇلىەر سۇدا ياشايدۇ، يېتىلگەن قۇلۇلىلەر سۇ سىزىقىدىن يۇقىرى نەم جايلاردىكى ئوت - چۆپلەر ئارىسىدا ھايات كەچۈرۈشىنى ياخشى كۆرىدۇ. يەككە جىنسلىق تۇخۇم تۇغىدۇ، يىل بويى چېتىشالايدۇ، ئەتىياز پەسلىدە ئەڭ كۆپ چېتىشىدۇ، ئۇنىڭدىن قالسا، كۈز پەسلىدە كۆپرەك چېتىشىدۇ. نويابردىن كېيىنكى يىلنىڭ ئىيۇلىغىچە بولغان ئارىلىنىڭ ھەممىسىدە تۇخۇم سالالايدۇ، تۇخۇمىنى نەم لاي توپىغا سالىدۇ. مۇۋاپىق شارائىت ئاستىدا بىر ئايغا يەتمەيلا تۇخۇمدىن چىقالايدۇ، تۇخۇمدىن چىقىپ ئىكى ئايدىلا يېتىلىدۇ. مىخچە قۇلۇلە ياپونىيە قان شورىغۇچى قۇرتىنىڭ ئارىلىق خوجايىنى بولۇپ، مىخچە قۇلۇلىلەرنى يوقىتىش ياپونىيە قان شورىغۇچى قۇرت كېسىلىدىن مۇداپىئەلىنىشنىڭ مۇھىم ھالقىسى. ئېتىز - ئېرىق، سۇ ئىنشائاتى، ئوغۇتلاش قاتارلىق خىزمەتلەرگە بىرلەشتۈرۈلۈپ مىخچە قۇلۇلىسىنىڭ كۆپىيىش مۇھىتىنى ئۆزگەرتىش، ياكى دورىلاپ ئۆلتۈرۈش ئۇسۇللىرىدىن پايدىلىنىشقا بولىدۇ.