Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
مىخائىلوۋىچ
دائىرە: دۇنيا تارىخى米哈伊洛维奇
mǐ hā yī luò wéi qí
(1893 - 1946) يۇگوسلاۋىيىدىكى پادىشاھپەرەس قوشۇن - <چىتىنىك> نىڭ كاتتىبېشى. بىرىنىچ دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ، دوناي يۆلىنىش ئارمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن شتاب باشلىقى بولغان. بۇلغارىيە ۋە چېخوسلوۋاكىيىدە تۇرۇشلۇق ھەربىي ئەمەلدار بولغان. كېيىن باش شتابنىڭ پوكوۋنىكى بولغان. 1941-يىلى 4-ئايدا يۇگوسلاۋىيە ئوق مەركىزى دۆلەتلىرى تەرىپىدىن گېنېرال پولكوۋنىكلىققا ئۆستۈرۈلگەن ھەمدە قۇرۇقلۇق - دېڭىز ئارمىيە مىنىستىرى، قوشۇمچە دۆلەت خانلىق قىسىملىرىنىڭ ئالىي قوماندانى قىلىپ بەلگىلەنگەن. يۇگوسلاۋىيە كومپارتىيىسى پارتىزانلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشنى كۆپ قېتىم رەت قىلىپ، ئىشغالىيەتچى قوشۇنلار بىلەن ئاستىرتتىن تىل بىرىكتۈرۈپ، پارتىزانلار ئەترىتىگە زەربە بەرگەن. كېيىن بىر مەزگىل سېربىيە تاغلىق رايونىغا قېچىپ بېرىۋالغان. 1942-يىلىدىن كېيىن ئوچۇقتىن - ئوچۇق ئىشغالىيەتچىلەر ئارمىيىسىگە ماسلىشىپ، پارتىزانلار ئەترىتىگە ھۇجۇم قىلغان. 1945-يىلى 3-ئايدا ئەسىرگە چۈشۈپ، ئىككىنچى يىلى ئۆلۈم ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.