Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
مېخاساندا
دۇنيا تارىخى
梅哈桑达
méi hā sāng dá
قەندىھار دۆلىتىدىكى بۇددا دىنى ئىبادەتخانىسىنىڭ خارابىسى. پاكىستاندىكى پېشۋارنىڭ شەرقىگە 65 كىلومېتىر كېلىدىغان سابازگى رايونىدىكى مېخاساندا تېغىدا. ⅩⅪ ئەسىردە تەكشۈرۈلگەن، 1963-يىلى ئېچىلغان. ئىبادەتخانا تاغ قاپتىلىدىكى تۈزلەڭلىككە سېلىنغان بولۇپ، مۇنار، ئىبادەتخانا، راھىبلار ئۆيى قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان. مۇنار ئىككى قەۋەت تۆت چاسا ئۇلغا قۇرۇلغان چوڭ مۇنارنى مەركەز قىلغان، ئەتراپى ئىبادەتخانا بىلەن ئورالغان. كىچىك مۇنارلارنىڭ تولىسى چوڭ مۇنارنىڭ كەينىدە مۇنارنىڭ ئالدىدىكى پەلەمپەيدىمۇ ئىبادەتخانا بار. راھىبنلار ئۆيلىرى 3 - 4 ئېغىرلىق ئايرىم - ئايرىم ئۆيلەردىن تەكرىب تاپقان، بۇ ئۆيلەر راھىبلارنىڭ پائالىيەت قىلىدىغان ۋە كۈندىلىك تۇرمۇش ئۆتكۈزىدىغان جايى ئىدى. قەدىھار ئىبادەتخانىسىنىڭ تىپى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ يەردىن ساپال قاچىلار، گەجدىن ئىشلەنگەن ھەيكەللەر، ياپىلاق تاشىق ئىشلەنگەن نەقىش قاتارلىقلار تېپىلغان. دەۋرى تەخمىنەن مىلادى Ⅴ - Ⅲ ئەسىرلەرگە توغرا كېلىدۇ.