Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
مېۋە پوستى
بىئولوگىيە
果皮
guǒpí
مېۋىنىڭ ئۇرۇقدان پوستىنىڭ يېتىلىشىدىن ھاسىل بولغان قىسمى. ئۇ تاشقى پوست، ئوتتۇرا پوست ۋە ئىچكى پوستتىن ئىبارەت ئۈچ قەۋەتكە بۆلۈنىدۇ. مېۋە پوستىنىڭ تۈزۈلۈشى، رەڭگى، سۈپىتى ۋە ھەرقايسى قەۋەتلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىش دەرىجىسى ئۆسۈملۈك تۈرىگە قاراپ پەرقلىنىدۇ. گۆشلۈك مېۋىنىڭ مېۋە پوستى تەركىبىدە تەرەققىي قىلغان كۆپ شىرنىلىق نېپىز پوستلۇق توقۇلما بولىدۇ. مېۋە پوستى يۇمران مەزگىلدە تەركىبىدە خلوروپلاست بولىدۇ، يېتىلگەندە خلوروپلاست بۇزۇلۇپ كېتىپ سىئانىدىن ۋە رەڭلىك تەنىچىلەر ھاسىل بولىدۇ، ئۇچۇچان ماي قاتارلىق ئاروماتىك ماددىلارنى ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ، ھەمدە تەركىبىدە قەنت، ۋىتامىن قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار بولىدۇ. قۇرۇق مېۋىنىڭ مېۋە پوستىدىكى مېخانىكىلىق توقۇلما بىرئاز تەرەققىي قىلىدۇ. مېۋە پوستى يۇمران مەزگىلىدىن يېتىلگۈچە بولغان ئارىلىقتا ھۈجەيرىسى تەركىبىدىكى ماددىلاردا زور ئۆزگىرىش بولىدۇ. يەنى يېتىلىش مەزگىلىدە تەركىبىدىكى سۇ تەدرىجىي كېمىيىپ پروتوپلازما يېمىرىلىدۇ، ھۈجەيرە پوستى قېلىنلىشىدۇ، نەتىجىدە مېۋە پوستى قۇرۇپ پەردىىشىدۇ، تېرىلىشىدۇ ياكى ئىنتايىن مۇستەھكەم تۈزۈلۈشكە كېلىدۇ.
دېھقانچىلىق,ئۆسۈملۈك,باغۋەنچىلىك,ئورمانچىلىق
果皮
guǒ píDباغۋەنچىلىك
囊果皮
náng guǒ pí