Uyghurئاساسىي لۇغەت
مېۋە
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يېيىشكە بولىدىغان ھۆل ياكى قۇرۇق دېنى، ئېتى.
مېۋە پىشسا ساپىقىدا تۇرماس. نەسىھەت ئاچچىق، مېۋىسى تاتلىق. مېۋە - چېۋىدە ئادەمگە زۆرۈر بولغان ئوزۇقلۇق ماددىلار كۆپ، لايىقىدا يېيىش پايدىلىق. يەل - يېمىش مېھمان كۈتۈشتە كەم بولسا بولمايدىغان مەزە.
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
ئۆسۈملۈكلەر ئىنسانلارنى يېمەكلىك بىلەن تەمىنلەيدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە مېۋە ئەڭ كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ. ھەر خىل خۇش پۇراقلىق ۋە مەززىلىك ھۆل مېۋە - چېۋىلەر، ساقلاشقا چىداملىق ۋە قۇۋۋەت تولۇقلايدىغان ھەر خىل قۇرۇق يەل - يېمىشلەر، يەنە «ئۆمۈرنى ئۇزارتقۇچى مېۋە» دەپ نام ئالغان خاسىڭ قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ مېۋىسىدۇر.
مېۋە ئادەتتە مېۋە شۆپۈكى بىلەن ئۇرۇقتىن ئىبارەت ئىككى قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پىشقان مېۋىلەرنىڭ مېۋە شۆپۈكى ھۈجەيرىلىرى دىففېرېنسىيىلىنىپ سىرتقى مېۋە شۆپۈكى، ئوتتۇرا مېۋە شۆپۈكى ۋە ئىچكى مېۋە شۆپۈكىدىن ئىبارەت ئۈچ قەۋەتنى ھاسىل قىلىدۇ. مەسىلەن، شاپتۇلنىڭ تىۋىت تۈكلۈك سىرتقى قەۋىتى سىرتقى مېۋە شۆپۈكى، ئوتتۇرىسىدىكى شىرنىلىك گۆشلۈك قىسمى ئوتتۇرا مېۋە شۆپۈكى، مەركىزىدىكى قاتتىق ئۈچكىسى ئىچكى مېۋە شۆپۈكى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى مېغىزى بولسا ئۇرۇقىدۇر.
مېۋىلەر ئادەتتە ئۈچ چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ: يەنى بىر گۈلدە پەقەت بىر تاللا ئانىلىق بولۇپ بىرلا مېۋە ھاسىل قىلسا، ئۇ ئاددىي مېۋە دېيىلىدۇ؛ بىر گۈلدە نۇرغۇنلىغان ئايرىلىپ ئۆسكەن يەككە ئانىلىقلار بولسا ھەم ھەربىر ئانىلىق بىر ئاددىي مېۋە ھاسىل قىلىپ، ئوخشاش بىر غولغا توپلىشىپ ئۆسكەن بولسا، ئۇ توپ مېۋە دېيىلىدۇ. مەسىلەن، بۆلجۈرگەن، نېلۇپەر، ئاق ماگنولىيە قاتارلىقلار؛ بەزى مېۋىلەر پۈتۈن گۈل رېتىدىن يېتىلىپ پىشىدۇ، بۇلار مۇرەككەپ مېۋە دېيىلىدۇ. مەسىلەن، ئاناناس، ئەنجۈر، ئۈجمە (جۈجەم) قاتارلىقلار.
ئاددىي مېۋىلەرنىڭ تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئۇلار گۆشلۈك، سۇلۇق ۋە شىرنىلىك كېلىدۇ. مەسىلەن، ئۈزۈم، پەمىدۇر، ئىبنوس (ھالۋابىدىت) قاتارلىقلارنىڭ ئوتتۇرا مېۋە شۆپۈكى گۆشلەشكەن بولۇپ، يۇمشاق ھەم شىرنىلىك بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۆزلۈكىدىن يېرىلىدىغان قاسىراقلىق مېۋىلەرمۇ بار، مەسىلەن، باقىلە، كۆك پۇرچاق قاتارلىق پۇرچاق ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ مېۋىلىرى. ئۇلار پىشقان چاغدا دۈمبە - قورساق سىزىقىنى بويلاپ يېرىلىدۇ، بۇ پۇرچاق ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى ھېسابلىنىدۇ. يەنە بەزى قوش قانىتى بولغان قاناتلىق مېۋىلەرمۇ بار، مەسىلەن، قارىياغاچ، زەرەڭ، لاپىن دەرىخى قاتارلىقلارنىڭ مېۋىلىرى. بۇ مېۋىلەرنىڭ مېۋە شۆپۈكى ئۇزىراپ ئۆسۈپ بىر جۈپ قاناتقا ئايلانغان بولۇپ، شامال كۈچىگە تايىنىپ لەپىلدەپ ئۇچىدۇ ھەمدە شۇ ئارقىلىق ئۇرۇقىنى تارقىتىدۇ. مېۋە مەركىزى تاشتەك قاتتىق ئۈچكىلىك مېۋىلەرمۇ بار، مەسىلەن، شاپتۇل، ئۆرۈك، چىلان، ئالۇچا قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ مېۋىلىرى. ئۆزلۈكىدىن پارتلاپ يېرىلىدىغان غوزەك مېۋىلەرمۇ بار، مەسىلەن، سېمىزئوت، پاقىيوپۇرمىقى، خېنە قاتارلىقلارنىڭ مېۋىسىدىكى ئۇرۇقلار شامالنىڭ تەۋرىتىشى بىلەن ئېتىپ چىقىرىلىدۇ ياكى پۈركۈپ چىقىرىلىدۇ.
مېۋىلەر يەنە ھەقىقىي مېۋە ۋە يالغان مېۋە دەپ بۆلۈنىدۇ. ئۇرۇقداندىن يېتىلىپ كەلگەن مېۋە ھەقىقىي مېۋە دېيىلىدۇ. باشقا قىسىملاردىن يېتىلىپ كەلگەن مېۋە يالغان مېۋە دېيىلىدۇ. مەسىلەن، ئالما، نەشپۈت ۋە دولانا قاتارلىقلارنىڭ مېۋىلىرى.
كۆپ ساندىكى مېۋىلەر مېۋە دەرىخىنىڭ شاخلىرىدا مېۋىلەيدۇ، لېكىن كاكائو دەرىخى، كارىكا دەرىخى (كۇلى بېھىسى)، بولو دەرىخى (ئاتروكارپۇس دەرىخى) قاتارلىقلارنىڭ مېۋىلىرى بولسا ئاساسىي دەرەخ غولىدا مېۋىلەيدۇ؛ توغراق چىنار (جۇڭگو چىنارى)، شىزاڭ خېلۋنگىيە چاتقىلى قاتارلىقلارنىڭ مېۋىسى يوپۇرمىقىدا مېۋىلەيدۇ؛ خاسىڭنىڭ مېۋىسى بولسا يەر ئاستىدا مېۋىلەيدۇ.
بىئولوگىيە
يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ چاڭلىنىپ ئۇرۇقلانغاندىن كېيىنكى ئۇرۇقدىنى (ياكى باشقا قىسىملارمۇ قوشۇلۇپ) يوغىناپ ھاسىل قىلغان ئورگان. پەقەت ئۇرۇقداندىن ھاسىل بولغان مېۋە ھەقىقىي مېۋە دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، شاپتۇل، پەمىدۇر، باقىلە، قىچا. ئۇرۇقداندىن سىرت باشقا قىسىملار (گۈل كاسىسى گۈل نەيچىسى قاتارلىقلار) مۇ قاتنىشىپ ھاسىل قىلىدىغان مېۋە يالغان مېۋە دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، نەشپۈت، ئالما، ئانار، تاۋۇز. بىر گۈلدىكى بىر ئانىلىقتىن ھاسىل بولغان مېۋە ئاددىي مېۋە دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىدا كۆپ ئۇچرايدۇ. بىر گۈلدە كۆپلىگەن ئايرىم ئۆسكەن ئانىلىق بولۇپ، ھەرقايسىسى يېتىلىپ بىردىن كىچىك مېۋە ھاسىل قىلىدىغان ھەمدە بۇ مېۋىلەر بىر گۈل كاسىسىدا توپلىشىپ ئۆسىدىغانلار توپ مېۋە دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، نېلۇپەر، بۆلجۈرگەن، مالىنا. بىر گۈل رېتىنىڭ يېتىلىشىدىن ھاسىل بولغان مېۋە مۇرەككەپ مېۋە دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، ئۈجمە، ئەنجۈر، ئاناناس. پىشقاندا مېۋە پوستى قېلىنلىشىپ گۆشلىشىدىغان مېۋە گۆشلۈك مېۋە دەپ ئاتىلىدۇ. مېۋە پوستى قۇرغاق بولغىنى قۇرۇق مېۋە دەپ ئاتىلىدۇ. قۇرۇق مېۋىنىڭ يەنە مېۋە پوستى يېرىلىدىغاىنى يېرىلىدىغان مېۋە، يېرىلمايدىغىنى يېپىق مېۋە دەپ ئاتىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
<بوت> ئۆسۈملۈك تېنىنىڭ بىر قىسمى. گۈل ئۇرۇقلانغاندىن كېيىن، ئۇرۇقدان تەدرىجىي يوغىناپ مېۋىگە ئايلىنىدۇ.
<بوت> ئادەتتە ئىستېمال قىلىش ئۈچۈن مەخسۇس يېتىشتۈرۈلگەن بەزى دەرەخ ۋە ئۆسۈملۈكلەردىن ئېلىنىدىغان سۇلۇق يەل - يېمىشلەر.
مېۋە كۆچىتى. مېۋە چۈشمەك.
كۆچمە. بىرەر ئىش، ئەمگەك قاتارلىقلارنىڭ نەتىجىسى، ھوسۇلى.
سەۋرنىڭ مېۋسى ئالتۇن (ماقال).