Uyghurئاساسىي لۇغەت
مۇزلاتماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
<مۇزلىماق> پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.
ئۇ شۇنداق كىرەرمۇ قاراڭغۇ قىشقا! ھاياتنى سوغۇقى بىلەن مۇزلىتىپ؟!ئىس - تۈتۈن ئۈستىگە ئاھ، يۈرەكلەرنى ئاسارمۇ سۈر قىلىپ، تىلىپ - تۈزلىتىپ؟!
كۆچمە. ئىجرا قىلىش، بېجىرىشنى ۋاقىتلىق توختىتىپ قويماق، ۋاقىتلىق كۈچىدىن قالدۇرماق.
ھازىر دۆلەت كارخانىلىرى مەھسۇلاتلىرى بىلەن كوللېكتىپ كارخانىلار مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسىنى ئاز دېگەندە يېرىم يىل مۇزلىتىپ قويۇش كېرەك.