Uyghurئاساسىي لۇغەت
مۇئەززىن
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئەزان ئېيتقۇچى، مەزىن.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
مەزىن، ئەزان ئوقۇغۇچى.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى «ئەزان ئېيتقۇچى» دېگەنلىك بولىدۇ. مەسچىتتە ئۆز ۋاقتى بىلەن ئەزان ئېيتىپ مۇسۇلمانلارنى نامازغا دەۋەت قىلغان ئادەم مۇئەززىن دېيىلىدۇ. ئەزان ئېيتىشنى 623 - ياكى 624 - يىلى ئابدۇللا بىننى زەئىد باشلاپ بەرگەن، مەۋالى بىلال ئىجرا قىلغان. ئەزان ئېيتىش كېيىن دىنىي تۈزۈم بولۇپ قالغان. مۇئەززىن پەشتاققا چىقىپ ياكى مەسچىت دەرۋازىسى يېنىدا تۇرۇپ، «ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر...» دەپ رېتىملىق ئەزان ئېيتىدۇ. مۇسۇلمانلار ئەزاننى ئاڭلاپ نامازغا چىقىدۇ. ئادەتتىكى مەسچىتلەردە بىردىن ئىككىگىچە مۇئەززىن بولىدۇ.