Uyghurئاساسىي لۇغەت
مۇئەمما
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
تېپىشماق، ئەدەبىياتتا شېئىرىي يول بىلەن يېزىلغان تېپىشماق:
كەمەر بەندىنى كۆردۈم رىشتەئى جانىمغە نازۇكدۇر،
رۇمۇزى لەبلەردىن بىلمەدىم شەكلى مۇئەممابى.
زەلىلى.
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
ئەرەبچە مۆكتۈرۈلگەن،يوشۇرۇنغان سۆزىدىن
ئەدەبىياتتا كىشىنىڭ پىكىر قىلىش ماھارىتىنى سىناش ۋە ئاشۇرۇش ئۈچۈن شېئىرىي شەكىلدە يېزىلغان تېپىشماق. ئۇ كۆپىنچە ئاتاقلىق كىشىلەر ئىسىملىرىنىڭ ھەرىپلىرىدىن تەركىب تاپقان بولىدۇ. كىشىلەر تەپەككۇر جەريانىدا ئۇنى يېشىدۇ ھەم ئۇنىڭ ماھىيىتىنى چۈشىنىپ يېتىدۇ.
مۇئەمما شەكلىدە شېئىر يېزىش 15 - ئەسىردە كەڭ تارقالغان، ناۋايى، جامى قاتارلىق ئەدىبلەر مۇئەمما يېزىش ۋە ئۇنى يېشىش جەھەتلەردە شۆھرەت قازانغان. خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىمۇ بۇ شەكىلنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەنلىكى مەلۇم. ئۇيغۇر يازما ئەدەبىياتىدا بۇ شەكىل ئاز ئۇچرايدۇ. لېكىن شېئىرىيەتنىڭ يۈكسىلىشى بىلەن بۇ ئەنئەنە چوقۇم جانلىنىدۇ.
كىشىلەر ئارىسىدا يېڭى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ۋەكىللىرىنىڭ بىرى مەرھۇم قاسىمجان قەمبىرىنى ئەسلىتىدىغان مۇنداق بىر مۇئەمما ئېغىزدىن - ئېغىزغا كۆچۈپ يۈرمەكتە.
موللىنىڭ باشىنى كەس مامات بولسۇن،
دەپنە قىل قەبر ئارا ھايات بولسۇن.
موللىنىڭ باش «م» ى ھەرىپىنى «قەبر» سۆزىنىڭ ئوتتۇرىسىغا قويساڭ «قەمبەر» (كونا ئىملادا «قەبر» شەكلىدە يېزىلاتتى) سۆزى كېلىپ چىقىدۇ، دېگەندىن ئىبارەت.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
تېپىشماق، ئەدىبىياتتا شېئىرى يول بىلەن يېزىلغان تېپىشماقلار. مىسال: ئول نىمەدۇر دۇنيادا ئەكمەي - تىكمەي باغ بولغان؟ ئول نىمەدۇر دۇنيادا سىنەلەرى داغ بولغان؟ ئوغلۇم ئاشىق بولساڭ ماڭا جاۋاب بەر.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
فولكورنىڭ بىر تۈرى؛ بىرەر نەرسىنىڭ بەلگىلىرىدىن بېشارەت بېرىپ، نېمە ئىكەنلىكى تېپىپ ئوينىلىدىغان ئويۇن. بەزەن تېگى ئېنىقلانمىغان مەسىلە مەنىسىدىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
تېپىشماق تاپماق _ زېھنىنى ئاچماق. بىر مەخلۇق كۆردۈم، ئەتىگەندە تۆت پۇتلۇق، چۈشتە ئىككى پۇتلۇق، كەچتە ئۈچ پۇتلۇق، ئۇ نېمە؟ . تاقماق تېپىشماققا ئوخشاش. يوگوسلاۋىيىدە ئەھۋالنىڭ ئاخىر قانداق بولۇشى تېخى بىر تېپىشماق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھەل قىلىنىشى لازىم بولغان، بەھىس قىلىشقا تېگىشلىك بولغان ئىش - ھەرىكەت.
<مۇئەمما>، <پروپلىما> ھازىر كەمدىن - كەم ئىشلىتىلىدۇ.
ھەممە ئادەم نادانمۇ بولۇپ قالىدۇ، ئوخشاش بولمىغان ھەر خىل مەسىلىدە. ھەل قىلالماس تېۋىپلار بار بىر مۇئەمما، توققۇز شېشىدىمۇ يوق ئەجەلگە دەۋا.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئەدەبىيات
ئەدەبىياتتا شېئىرىي يول بىلەن يېزىلغان تېپىشماقلار.