Uyghurئاساسىي لۇغەت
مۇتئە
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى <ۋاقىتلىق نىكاھ> دېگەنلىك بولىدۇ. (1) مۇسۇلمان ئەر كىشىنىڭ جۆرىسى يوق خوتۇن كىشى بىلەن ئىختىيارىي كېلىشكەن نىكاھى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇنىڭدا پۈتۈم ئاساس قىلىنىدۇ. ۋاقىت چېكى بەلگىلىنىدۇ. خوتۇن كىشىگە مەھر ياكى ھەق بېرىلىدۇ. ئەرلەرنىڭ مۇسۇلمان ئاياللار ياكى كىتابقا ئېتىقاد قىلىدىغان (خرىستىئان دىنى، يەھۇدىي دىنى، زاراتوسترا دىنىدىكى) ئاياللار بىلەن نىكاھلىنىشىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ، مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ مۇسۇلمان ئەرلەر بىلەنلا نىكاھلىنىشىغا بولىدۇ. تۇغۇلغان پەرزەنت ئىككى تەرەپنىڭ ھالال پەرزەنتى ھېسابلىنىدۇ. لېكىن، غەيرىي مۇسۇلمان خوتۇن كىشىدە ئەرنىڭ مىراسىغا ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ. بۇ قەدىمكى ئەرەبلەرنىڭ ئادىتى بولۇپ، كېيىن مۇسۇلمانلار ئۇنى داۋاملاشتۇردى. رىۋايەت قىلىنىشىچە، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بۇنداق قىلىشنى چەكلىگەن، ھەزرىتى ئۆمەي رەسمىي ئەمەلدىن قالدۇرغان. سۈننىي مەزھىپى رەسۇلىللاھنىڭ بۇيرۇقىغا ئەمەل قىلىپ، بۇنى شەرىئەتكە زىت دەپ قارايدۇ. لېكىن، شىئە مەزھىپى (ئون ئىككى ئىمامچىلار) مۇشۇ ئادەتكە ئەمەل قىلىدۇ. يېقىنقى زاماندىن بۇيان مۇقىملىشىشقا، مەڭگۈلىشىشقا قاراپ يۈزلەندى. بۇ ئىش ۋاقىت چېكى بولغان نىكاھ پۈتۈمىنىڭ ۋاقتىنى ئۇزارتىش (بەزىلەر 99 يىلغا ئۇزارتقان) ياكى مۇئتە ۋاقتى توشۇشتىن ئىلگىرى ئىككى تەرەپ پۈتۈمنى داۋاملاشتۇرۇش توغرىسىدا كېلىشىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ھەل قىلىنغان. (2) تالاق قىلىنغان خوتۇنغا بېرىلىدىغان ئىقتىسادىي تۆلەم.