Uyghurئاساسىي لۇغەت
مۇتتەسىل ھەدىس
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى رىۋايەتچىلىرى ئۈزۈلۈپ قالمىغان ھەدىس، دېگەنلىك بولىدۇ. ئىسناد (ھەدىسنىڭ تارقىلىش نەسەبى) گە قاراپ ھەدىسلەرنىڭ ئايرىلغان بىر تۈرى بولۇپ، تارىختا ئۆتكەن سادىق - ئىشەنچلىك رىۋايەت قىلغۇچىلار ئۈزۈپ قويماي رىۋايەت قىلغان ھەدىسلەر كۆزدە تۇتۇلىدۇ. جۈملىدىن ئىسنادى ئۈزۈلۈپ قالمىغان ھەمدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزىگىچە سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدىغان ھەدىسلەر <مۇسنەد> (ئىشەنچلىك ھەدىسلەر) دېيىلىدۇ. جۈملىدىن بەزى ھەدىسلەرنىڭ ئىسنادى مۇكەممەل، رىۋايەت قىلغۇچىلىرى ئازراق بولۇپ، خاتا رىۋايەت قىلىنىشى ئىنتايىن ئاز بولىدۇ. بۇلار گۇمانلىنىشقا بولمايدىغان ھەدىسلەر، دەپ ھېسابلىنىپ، <خىش - ئەقرىبالار رىۋايەت قىلغان ھەدىسلەر> دەپ ئاتىلىدۇ. <مۇنقەتىئ ھەدىس> (ئىسنادى ئۈزۈلۈپ قالغان ھەدىس) كە قارىغاندا مۇتتەسىل ھەدىس تېخىمۇ ئىشەنچلىك بولغاچقا، <سەھىھ> (ئىشەنچلىك ھەدىس) دېيىلىدۇ. سۈننىي مەزھىپىنىڭ ئالتە ھەدىس شېرىپى <بەرھەق>، <چىن كىتابلار> دەپ ئاتالغان.