Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
مۇتلەق ئىنكاسسز پەيت
پسىخولوگىيە
绝对不应期
jué duì bú yīng qī
نېرۋا توقۇلمىسى تەسرگە ئۇچراپ، قوزغىلىش پەيدا بولغاندىن كېيىن، نېرۋا توقۇلمىسىنىڭ قوزغىلىشچانلىقىدا بىر قاتار ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىدۇ. قوزغىلىشتىن كېيىن ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەر قانداق تەسىر نېۋروندا قوزغىلىش پەيدا قىلالمايدۇ. مانا مۇشۇ پەيت ئىنكاسسز پەيت دېيىلىدۇ. كېيىن قوزغىلىشچانلىق نىسپىي ئىنكاسسز پەيتكە، ئاندىن ئادەتتىن ئاشقان پەيت، ئادەتتىن تۆۋەن پەيىتلەرگە ئۆتۈش ئارقىلىق، ئەسلىدىكى سەۋىيىدە مۇقىملىشىدۇ. نىسپىي ئىنكاسسز پەيت بىلەن ئاددەتتىن تۆۋەن پەيىتتە نېرۋا توقۇلمىسىنىڭ سېزىمچانلىقىدا ئادەتتىكىدىن ناھايتى يۇقىرى تەسىرلا قوزغىلىش پەيدا قىلالايدۇ. ئادەتتىن ئاشقان پەيىتتە نېرۋا توقۇلمىسىنىڭ سېزىمچانلىقىدا ئاددەتتىكىدىن ئەڭ ئاجىز تەسرمۇ قوزغىلىش پەيدا قىلالايدۇ. بۇ تۆت پەيتنىڭ ئۇزۇن - قىسقىلىقى نېرۋا تالاسىنىڭ 0.3، 3، 12، ۋە 70 مىللى سېكۇنت ئەتراپىدا بولىدۇ.