Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
慕梭
دۇنيا تارىخى
مۇسسو
(1897 - يىل ياكى 1898 - 1948) ھىندونېزىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ داھىيىسى. دېھقان ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. 1919-يىلى ئىسلام دىنىي ئىتىتپاقىغا قاتناشقان. 1920-يىلى غەربىي ياۋا دېھقانلار قوزغىلىڭىغا قاتناشقانلىقى ئۈچۈن مۇستەملىكە دائىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، ئۈچ يىل قاماق جازاسى بېرىلگەن. 1923-يىلى ھىندونېزىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە كىرگەن. 1923 - 1925-يىللىرى مەركىزي كومىتېت ئەزاسى بولۇپ سايلانغان ۋە پوچتا ئىشچىلىرى ئۇيۇشمىسىغا رەھبەرلىك قىلغان. 1925-يىلى ھىندونېزىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن، كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالغا دوكلاد قىلىش ئۈچۈن چەت ئەلگە چىققان. 1926-يىلى 12-ئايدا ۋەتەنگە قايتىش سەپىرىدە، سىنگاپوردىكى ئەنگلاىيە مۇستەملىكىچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان. ئازادلىققا ئېرىشكەندىن كېيىن ئۇزاققىچە چەت ئەلدە سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن. 1933 - 1935-يىللىرى كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالنىڭ ئىجرائىي ھەيئىتى ۋە قىزىل ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ خەلقئارا ئىجرائىي ھەيئىتى بولۇپ، ئىلگىرى - ئاخىر گوللاندىيە، بىلگىيە ۋە فرانسىيىدە تۇرغان. 1935-يىلى ۋەتىنىگە مەخپىي قايتىپ بېرىپ، ھىندونېزىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ يەر ئاستى مەركىزىي رەھبىرى ئورگىنىنى قۇرغان. 1936-يىلى يەنە چەت ئەلگە چىققان. 1939 - 1941-يىللىرى فرانسىيە جازا لاگىرىغا سولاپ قويۇلغان. 1948-يىلى 8-ئاينىڭ بېشىدا ۋەتىنىگە قايتقان. 8-ئاينىڭ 13-كۈنى ھىندونېزىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، <ھىندونېزىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېڭى يولى> دېگەن كۈرەش پروگراممىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە پارتىيىنىڭ باش شۇجىسى بولۇپ سايلانغان. شۇ يىلى 10-ئايدا مادىئۇن ۋەقەسىدە ئۆلتۈرۈلگەن.