Uyghurئاساسىي لۇغەت
مۇسۇلمان
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغۇچى.
<مۇسلىم>، <مۆمىن> لەر ئايرىم ھالدا ئۇچرايدۇ.
مۇسۇلمان ئاشخانىسى؛ مۇسۇلمان مىللەتلەر. ۋەز ئېيتقۇچىغا بۇ سۆز تەگسىمۇ ئاچچىق، يامان، مەن ئېيتالماسمەن <مۇسۇلمان> دەپ ئۇلارنى ھېچقاچان. ب د ت نوپۇس ستاتىستىكا كومىتېتى 1985 - يىلى ئېلان قىلغان مەلۇماتتا ئېيتىلىشىچە، پۈتۈن دۇنيادا 921 مىليون مۇسۇلمان بولۇپ، دۇنيا ئاھالىسىنىڭ 18.85 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلغان. ئەلھەمدۇللا مىسلىم مەن، - دېدى بىرى. سەللىسى مۆمىن، ئۆزى كاپىر.
دۇنيا تارىخى
ئەرەبچە Muslim نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى. ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى. <ئىتائەت قىلغۇچىلار> يەنى ئاللاغا ئىتائەت قىلغۇچىلار دېگەن مەنىدە.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ پارسچە سۆزنىڭ ئەسلىي مەنىسى « (ئاللا بىلەن) مۇناسىۋەتلەشكۈچى» دېگەنلىك بولىدۇ،