Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
مۇستەقىل تەقسىملىنىش
بىئولوگىيە
独立分配
dúlìfēnpèi
ياكى <ئەركىن كومبىناتسىيلىشىش> دەپ ئاتىلىدۇ. مېندىل كۆك پۇرچاق (باقىلە) ئۈستىدە ئېلىپ بارغان تەجرىبىسىگە ئاساسەن ئوتتۇرىغا قويغان ئىرسىيەت قانۇنىيەتلىرىنىڭ بىرى. ئىككى جۈپ ياكى ئىككى جۈپتىن ئارتۇق نىسپىي ئالامەتلىك ئاتىلىق، ئانىلىق تۈپلىرى چېتىشىپ F1 دە گامېتا ھاسىل بولۇشتا ئوخشاش مەنبەلىك خروموسومىدىكى تەڭ ئورۇنلۇق گېنلار ئۆز ئارا ئايرىلىپ، مۇستەقىل ھالدا گامېتىغا تەقسىملىنىپ بارىدۇ. ئوخشاش مەنبەلىك بولمىغان خروموسومىغا جايلاشقان تەڭ ئورۇنلۇق بولمىغان گېنلار گامېتىدا ئەركىن ماسلىشىپ ئەركىن كومبىناتسىيىلىشىدۇ، شۇڭا F2 نىڭ ئىپادىلىنىش تىپىدە ئىختىيارى كومبىناتىسيىلەنگەن ھەر قايسى ئالامەتلەر ئىپادىلىىدۇ. مەسىلەن، سېرىق، يۇمىلاق (yy RR) كۆك پۇرچاق بىلەن يېشىل، قورۇق (yy rr) كۆك پۇرچاقنى چېتىشتۇرغاندا، سېرىق، يۇمىلاق ئالامەت، يېشىل، قورۇق ئالامەتكە ئاشكارىلىق بولىدۇ، يەنى ماس ھالدىكى تەڭ ئورۇنلۇق گېنلار ئارىلىقىدا سېرىق (Y)، يېشىل (y) غا نىسبەتەن، يۇمىلاق (R)، قورۇق (r) غا نىسبەتەن ئاشكارىلىق بولىدۇ. F1 دە ئىپادىلىنىش تىپى پۈتۈنلەي سېرىق، يۇمىلاق (YyRr) بولىدۇ. F1 دە گامېتا ھاسىل بولۇشتا تەڭ ئورۇنلۇق گېنلار ئۆز ئارا ئايرىلىدۇ، تەڭ ئورۇنلۇق بولمىغان گېنلار ئەركىن كومبىناتسىيىلىشىدۇ. F2 نىڭ ئىپادىلىنىش تىپىدە تۆت خىل تىپ پەيدا بولىدۇ، يەنى سېرىق، يۇملاق، سېرىق - قورۇق، يېشىل - يۇمىلاق، يېشىل - قورۇق بولۇپ، تۆتىنىڭ نىسبىتى 9:3:3:1 بولىدۇ.
ئورمانچىلىق,باغۋەنچىلىك,ئۇنىۋېرسال
独立分配
dú lì fēn pèi