Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
مۇستەقىللىك جەمئىيىتى
دۇنيا تارىخى
独立协会
dú lì xié huì
چاۋشيەن لى سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىكى سىياسىي تەشكىلات. 1894-يىلى جۇڭگو - ياپونىيە جياۋۇ ئۇرۇشىدىن كېيىن، ياپونىيە، روسىيە قاتارلىق چەت ئەل تاجاۋۇزچى كۈچلىرى چاۋشيەنگە تاجاۋۇز قىلغاندا، بيۇروكرات گۇرۇھلار تاشقى دۈشمەننىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتقانلىقتىن، كەڭ خەلقنىڭ غەزىپى قوزغالغان. مىللىي مۇستەقىللىك ۋە دېموكراتىك ھوقۇقنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا كۆكرەك كېرىپ ماڭغان زىيالىيلاردىن شۇزەيبى، يىن جىخاۋ قاتارلىقلار <مۇستەقىل، ئۆز - ئۆزىگە خوجا بولۇش> شوئارىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرغان. دەسلەپ ئىجتىمائىي ئالاقە تەشكىلاtى <جىنتوڭ كلوبى> نى تەشكىل قىلغان، كېيىن ئۇنى <مۇستەقىللىك كلوبى> غا ئۆزگەرتكەن، ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئىسمىنى <مۇستەقىللىك جەمئىيىتى> گە ئۆزگەرتىپ بىر سىياسىي تەشكىلات قىلىپ قۇرۇپ چىققان. 1896-يىلى <مۇستەقىللىك ئاخباراتى> ئېلان قىلىپ، مۇستەقىللىك ئىدىيىسىنى تەشۋىق قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ نۇقسانلىرىنى تەنقىد قىلغان. 1898-يىلى يەنە سىئولدا ئون مىڭ كىشىلىك يىغىن ئۆتكۈزۈپ، ھوقۇقتىن مەھرۇم بولىدىغان، دۆلەتكە ھاقارەت كەلتۈردىغان شەرتنامە تۈزۈشكە قارشى تۇرغان، مالىيىنى رەتكە سېلىشنى، چوڭ جىنايەتچىلەرنى ئوچۇق سوت قىلىشنى ۋە سۆز ئەركىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قارار ماقۇللاپ پادىشاھقا تاپشۇرغان. ھۆكۈمەت تەرەپ باۋفوسۇدا تەشكىلاتىنىڭ پادىشاھلىق جەمئىيىتى تەشكىللەپ بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا قۇتراتقۇزلۇق قىلغاندىن باشقا، جەمئىيەتنى مەجبۇرىي تارقىتىۋېتىپ، ئۇنىڭ رەھبەرلىرىنى قولغا ئالغان. مۇستەقىللىك جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئاقسۆڭەك ئائىلىرىدىن كېلىپ چىققانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار ئىدىيە ۋە سىياسىي جەھەتلەردە ئامېرىكا پەرەس ياكى ياپونپەرەس بولغاچقا جاھانگىرلىككە، فېئودالىزمغا ئۈزۈل - كېسىل قارشى تۇرىدىغان پروگراممىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش مۇمكىن ئەمەس بولسىمۇ، لېكىن مۇستەقىل، ئۆز - ئۆزىگە خوجا بولۇش، دېموكراتىك، ئەركىنلىك ئىدىيىلىرىنى تەشۋىق قىلىش جەھەتتە مۇئەييەن ئىجابىي رول ئوينىغان.