Uyghurئاساسىي لۇغەت
مۇشك
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
قارا رەڭلىك، خۇش پۇراقلىق ماددا، ئىپار:
قاچانكىم زۇلف مۇشكىڭنى سەن ھەر تاب ئەيلەرسەن،
يۈرەكلەر تاش ئەگەر بولسۇن ئانى سىماب ئەيلەرسەن.
قەلەندەر.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
قارا رەڭلىك ۋە خۇشپۇراقلىق نەرسە؛ كۆچمە مەنىسى: چاچنىڭ قارىلىقى ۋە ھىدى؛ كۆزنىڭ گۆھىرى(قارىچۇقى)؛ مشك سارا - ساپ مۇشك، تازا مۇشك؛ مۇشك تەر - يېڭى، تازا مۇشك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
بىر خىل كېيىكنىڭ جىنسىي يېرىدىن ئېلىنىدىغان قارامتۇل، خۇشبۇي ماددا: (ئەتتارلىق ۋە تېبابەتتە ئىشلىتىلىدۇ).
ئەتىياز بۇلۇتى ئۆتتى ھۆڭگىرەپ، خوتەننىڭ مۇشكىدەك تۈس ئالدى جاھان، ئېيتساڭچۇ تۇتقۇنلۇق پەريادلىرىنى، يېشىڭدىن كۆكەرگەن سەرۋى، سۇۋادان.