Uyghurئاساسىي لۇغەت
مۇسەللەس
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
مەيزاپ.
ھاراق پادىشاھدۇر، مۇسەللەس ۋەزىر، نەشە پاسكىنىدۇر، تاماكا بىنەزىر.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
ئۈچ مىسرالىق كۇپلېتلاردىن تۈزۈلگەن شېئىر.
ئانارگۈلى قىزىل چوغدەك بەرگىدە،
لاۋۇلدايدۇ خۇددى ياقۇت رەڭگىدە.
كۈلدى شۇنداق ياشلىق باھار پەسىلىدە.
ئانارگۈلى يارىشىپتۇ چېكەڭگە،
گۈل ئىسىملىك ئۇيغۇر قىزى چىمەنگە.
سېنىڭ كۆڭلۈڭ ئانارگۈلدەك ئەسلىدە.
- ق. ئىمىن.
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
ئەرەبچە ئۈچ سۆزىدىن
بەند (كۇپلېت) لىرى ئۈچ مىسرادىن تۈزۈلگەن شېئىر. شەرق خەلقلىرى ئەدەبىياتىدا بۇ خىلدىكى شېئىرلار باشقا تۈردىكى شېئىرلارغا قارىغاندا ئاز ئۇچرايدۇ. رۇس ۋە غەرب ئەدەبىياتىدىمۇ مۇنداق شېئىرىي شەكىل بولغان.
ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە ئۈچ مىسرادىن تۈزۈلگەن كۇپلېتلارنىڭ بىرىنچى كۇپلېتى بىر خىل قاپىيىدە بولىدۇ، كېيىنكى كۇپلېتلىرىنىڭ دەسلەپكى ئىككى مىسراسى بېيىت شەكلىدە قاپىيىلىنىپ، پەقەت ئۈچىنچى مىسراسىلا دەسلەپكى كۇپلېتىغا قاپىيىداش بولىدۇ. ئۇنىڭ سخېمىسى ئا. ئا. ئا؛ ب. ب. ئا؛ د. د. ئا شەكلىدە بولىدۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۈزۈمدىن ياسالغان ئىچىملىك، ئۈچتىن بىرى ئۈزۈم سۈيى.
<مەيزاپ> خوتەن دىئالېكتىدا قوللىنىلىدۇ.
ئاز ئۆلچەمدە مۇسەللەس ئىچىپ تۇرسا، سالامەتلىككە پايدىسى بار.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئۈزۈمنى سىقىپ، سۈيىنى قاينىتىش يولى بىلەن يەرلىك ئۇسۇلدا ياسالغان ئىچىملىك.
مۇسەللەس قايناتماق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئەدەبىيات
ئۈچ مىسرالىق كۇپلىتتىن تەركىب تاپقان شېئىر شەكلى. بۇ شەكىل ئىككى خىل كېلىپ، كېيىنكى مىسرالاردا ئاۋۋالقى ئىككى مىسرا ئوخشاش قاپىيىدە، 3 - مىسرا بىرىنچى كۇپلېتتىكى قاپىيىدە كېلىدۇ.