Uyghurئاساسىي لۇغەت
مۇرتەدلىك گۇناھى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن ئېغىر گۇناھلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئىسلام ئېتىقادىدىن ياكى ئىسلام تۈزۈملىرىدىن ئاشكارا يۈز ئۆرگەن سۆز - ھەرىكەتلەر، مەسىلەن، ئاللانى ۋە پەيغەمبەرنى ئىنكار قىلغان، <قۇرئان كەرىم> نىڭ ئاللا تەرىپىدىن ۋەھىي قىلىنغان كىتاب ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلغان، ناماز ئوقۇمىغان ياكى زاكات بەرمىگەن قىلمىشلار كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇ گۇناھنى بېكىتىشتە (1) ئېنىق گۇناھ سادىر قىلىش مۇددىئاسىنىڭ بارلىقى. (2) ئەقىل - ھوشى جايىدا، بالاغەتكە يەتكەن مۇسۇلمان بولۇشى ئۆلچەم قىلىنىدۇ. بالاغەتكە يەتمىگەنلەر، ئەقىل - ھوشى جايىدا بولمىغانلار ياكى سىرتنىڭ بېسىمى بىلەن دىندىن يۈز ئۆرگەنلەر بۇ گۇناھنى سادىر قىلغان بولمايدۇ. جازا ئۆلچىمى ئوخشاشمىغان فىقھەلەردە پەرقلىنىدۇ. ئون ئىككى ئىمامچىلاردىن باشقىلارنىڭ ھەممىسى تۆۋە قىلىدىغان مۇددەت بېرىدۇ. ئۆزگەرمىگەنلەرگە ئۆلۈم جازاسى بېرىدۇ. تارىختا بىر قىسىم فەقىھەلەر بۇ گۇناھنى ئىنكار قىلدى.