Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
مۇراۋىيىۋ
دۇنيا تارىخى
穆拉维约夫
mù lā wéi yuē fū
(1796 - 1843) روسىيە دىكابرستلارنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ بىرى. گۋاردىيە ئوفىتسېرى. موسكۋا داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. 1812-يىلىدىكى ناپالېئونغا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان. دىكابرستلارنىڭ سىياسىي تەشكىلاتى بولغان <ۋەتەن قۇتقۇزۇش جەمئىيىتى> (كېيىن <بەختىيار جەمئىيەت> دەپ ئۆزگەرتىلگەن) نىڭ ئەزاسى. 1821-يىلى شىمال جەمئىيىتىنى قۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلغان. روسىيە دۆلىتىنىڭ ئاساسىي قانۇن لايىھىسىن تەييارلىغان. يانچىلىق تۈزۈمنى بىكار قىلىپ، پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنلۇق ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان، زوراۋانلىققا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشنى ھاقىرىق قىلغان. ئۇ دىكابرست مۇتەپپەككۇر ئىدى. 1825-يىلى 12-ئايدا قولغا ئېلىنغان. ئۇنىڭغا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسى 20 يىللىق ئېغىر ئەمگەك جازاسىغا ئۆزگەرتىلگەن. سىبىريىدىكى سۈرگۈن قىلىنغان جايدا ئۆلگەن.