دائىرە: دۇنيا تارىخى(1767 - 1815) فرانسىيە ماراشلى. نېئاپولنىڭ كورۇلى. كىچىك ساراي خوجايىنى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. دىنىي تەربىيە ئالغان. 1787-يىلى ئەسكەرلىككە ئېلىنىپ ئاتلىقلار پولكىغا قاتناشقان. 1795-يىلى ناپولېئونغا ھەمكارلىشىپ، ئۈزۈم پىشىقى ئېيىنىڭ 13-كۈنىدىكى توپىلاڭنى باستۇرغان. ئاندىن ناپولېئونغا ئەگىشىپ ئىتالىيە جېڭى ۋە مىسىر جېڭىغا قاتناشقان. 1799-يىلى تۇمانلىق ئايدىكى سىياسىي ئۆزگىرىشتە ناپولېئوننىڭ مۇھىم ياردەمچىسى بولغان. كېيىن تەپتىش ھۆكۈمەت مۇھاپىزەتچىلەر ئەترىتىنىڭ قوماندانى بولغان. 1800-يىلى ناپولېئوننىڭ سىڭلىسى كارولىنا (1782 - 1839) نى ئالغان. ئىككىنچى قېتىملىق ئىتالىيە ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1804-يىلى پارىژ شەھىرى مۇداپىئە قىسمىنىڭ قوماندانى بولغان. شۇ يىلى ئىمپېرىيە قۇرۇلغاندىن كېيىن فرانسىيە مارشالى بولغان. 1805 - 1807-يىللىرى ئوستېرلىست، يېنا، ئېلو، فېردىلاند قاتارلى جەڭلەرگە قاتناشقان. 1808-يىلى فرانسىيە قوشۇنىنى باشلاپ، مادرىد قوزغىلىڭىنى باستۇرغاندىن كېيىن نېئاپول پادىشاھلىقىغا يۆتكەلگەن. شۇ جايدا بەزى ئىسلاھاتلارنى يولغا قويغان. 1812-يىلى روسىيىگە قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان. 1813-يىلى لېيپسېگ ئۇرۇشىدىن كېيىن ئىتالىيىگە قايتىپ ئاۋسترىيە بىلەن مەخپىي سۆھبەت قىلىشقا باشلاپ، پادىشاھلىق تەختىنى ساقلاپ قېلىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ ئەمەلگە ئاشمىغان. 1815-يىلى 3-ئايدا ئىتالىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈ نامى بىلەن ئاۋستىريىگە قارشى ئۇرۇش قوزغىغان. ئۇرۇشقا ئاتلىنىش بىلەنلا مەغلۇپ بولغان. فرانسىيىگە بارغاندا ناپولېئون ئۇنى قوغلىۋەتكەن. 10-ئايدا ئىتالىيىدە قۇرۇقلۇققا چىقىپ، تەختنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى بولغاندا ئەسىرگە چۈشۈپ ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن. خەت - چەكلەر توپلىمى نەشر قىلىنغان.
دائىرە: دۇنيا تارىخى(1326 - 1389) ئوسمانلار دۆلىتىنىڭ ھۆكۈمرانى (1359 - 1389). ئورخاننىڭ كەنجە ئوغلى. تەختكە چىققاندىن كېيىن نامىنى سۇلتان دەپ ئۆزگەرتىپ، ياۋروپاغا كەڭ كۆلەمدە ھۇجۇم قىلغان. 1362-يىلى ئادرىيانوپول (تۈركلەر ئۇنى ئەدىرنە Edirne دەپ ئاتىغان) نى ئالغان ھەمدە پايتەختنى ئۇ يەرگە كۆچۈرگەن. 1369-يىلى فراكىيىنىڭ شەرقىي قىسمىنى پۈتۈنلەي دېگۈدەك بېسىۋالغان. 1371-يىلى مارىتسا دەرياسى بويىدا سېربىيە، بۇلغارىيە، ۋالاخىيە ۋە ۋېنگرىيە بىرلەشمە قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلىپ، ماكېدونىيىنى بېسىۋېلىپ، ېىزانتىيىنى بويسۇندۇرغان. 1385-يىلى سوفىيىنى ئالغان. ئىكىنچى يىلى يەنە نىشىنى ئالغان، بۇلغارىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىنى بويسۇندۇرغان، شەرقتە ئاناتولىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا كېڭەيمچىلىك قىلغان، ئەنقەرەنى ھۇجۇم بىلەن ئېلىپ، توكاتقىچە بولغان كەڭ زېمىنگە ئىگە بولغان. 1389-يىلى 6-ئايدا ئېلىپ بېرىلغان كوسوۋو جېڭىدە ئۆلتۈرۈلگەن. ئۇنىڭ ئوغلى بايازېت Ⅰ تەختكە چىققان.