Uyghurئاساسىي لۇغەت
مۇقەننەئ قوزغىلىڭى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئابباسىيلار سۇلالىسىغا قارشى كۆتۈرۈلگەن ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى دېھقانلار قوزغىلىڭى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. <مۇقەننەئ> دېگەن ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى <نىقاپلىق ئادەم> دېگەنلىك بولىدۇ. ھەرىكەتكە رەھبەرلىك قىلغان پرسىيىلىك مەرۋى ھاشىم بىننى ھەكىم (؟ - 780) زەر چۈمبەل سېلىۋېلىپ، كىشىلەرگە <نۇرلۇق دىدارى> نى كۆرسەتمىگەنلىكىتىن بۇ ھەرىكەت شۇنداق دەپ ئاتالغان. ھاشىم بىننى ھەكىم ئەينى چاغدا ئەبۇ مۇسلىمنىڭ كاتىپى بولغان. خەلىپە مەنسۇر (754 - يىلىدىن 775 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇردى) ئەبۇ مۇسىلىمنى ئۆلتۈرۈۋەتكەندىن كېيىن، ئۇ ئەبۇ مۇسلىمنىڭ روھى ئۆزىنىڭ تېنىگە كۆچكەنلىكىنى ئېيتىپ، قىساس ئېلىشقا قەسەم ئىچكەن. خاۋارىجلار خۇراساندا قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئۇلار 677 - يىلى ئامۇ دەرياسى بىلەن سىر دەرياسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى رايونلاردا يەرلىك دېھقانلار قوزغىلىڭىغا رەھبەرلىك قىلدى. قوزغىلاڭچى قوشۇن ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ باستۇرۇشى بىلەن 780 - يىلى مەغلۇب بولدى. شەھەر قولدىن كېتىشتىن ئاۋۋال ھاشىم بىننى ھەكىم ئاياللىرى ۋە يېقىن ئادەملىرى بىلەن ئوتتا ئۆلۈۋالدى.