Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
مۇقەننا
دۇنيا تارىخى
马堪那
mǎ kān nà
(؟ - 783) 木坎纳 دەپمۇ تەرجىمە قىلىنغان. مىلادى ⅢⅤ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يولباشچىسى. ئەسلى ئىسمى قاسىم ئېبنى ھاكىم، ھوف (مۇلۇ) ئەتراپىدا تۇغۇلغان. ئەسلى شوستىگە. ئەبۇ موسلىم قوزغىلىڭى ۋە خوراساندىكى شىنباد قوزغىلىڭىغا قاتنىشىپ، خۇراساننىڭ ۋالىيسى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، باغدادتا 15 يىلغىچە قاماپ قويۇلغان. كېيىن تۈرمىدىن قېچىپ چىقىپ، مىلادى 76-يىلى قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. ئۆزىنى ئىلاھنىڭ سىمۋولى دەپ ئاتىۋالغان. يېشىل رەخت بىلەن يۈزىنى ياپقانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا موقەننا (ئەرەب تىلىدا يۈزىنى ياپقانلار دېگەن مەنىدە) دەپ نام بېرىلگەن. ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە، تەرغىبات ئېلىپ بېرىشقا ئۆز مۇرىتلىرىنى ئەۋەتكەن. كېيىن كېشنى (بۈگۈنكى شەھىرىسەبىر) تايانچ قىلىپ قورغان قۇرۇپ، جەڭگە رەھبەرلىك قىلغانم مىلادى 783-يىلى ئۇنىڭ قورغىنى خەلىپە قوشۇنى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن، ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانىكەن. <موقەننا قوزغىلىڭى> غا قاراڭ.
تارىخ
穆合纳
mù hé nà